باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پرىنسىتون ئۇنىۋېرسىتېتى ئامېرىكىدىكى ئەك ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرىنچىسىگە تىزىلىپ، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئېشىپ كەتتى

2013.09.11 17:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نوپۇزلۇق ژورنال «ئامېرىكا خەۋىرى ۋە دۇنيا ئاخباراتى»نىڭ ئېلان قىلغان 2014-يىللىق ئامېرىكىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلار تىزىملىكىدە پرىنسىتون ئۇنىۋېرسىتېتى 1-ئورۇنغا، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى 2-ئورۇنغا، يالى ئۇنىۋېرسىتېتى ئۈچىنچى ئورۇنغا تىزىلدى.

  ئۆتكەن يىلى، «ئامېرىكا خەۋىرى ۋە دۇنيا ئاخباراتى»نىڭ مەملىكەت بويىچە ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلار تىزىملىكىدە، خارۋاردئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن پرىنسىتون ئۇنىۋېرسىتېتى تەڭلا بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغانىدى. مەزكۇر ژورنال بۈگۈن ئېلان قىلغان 2014-يىللىق ئامېرىكىدىكى ئەڭ ياخشى ئىلمىي تەتقىقات ئورگىنى تىزىملىكىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ پرىنسىتون ئۇنىۋېرسىتېتى، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە يالى ئۇنىۋېرسىتېتى ئالدىنقى قاتارغا تىزىلغان. ئۇلارنىڭ ئارقىسىغا كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى، چىكاكو ئۇنىۋېرسىتېتى، دۇك ئۇنىۋېرسىتېتى، ماسساچۇسېتس تەبئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى، پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تىزىلغان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل