باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز كارخانىلىرىنىڭ نەتىجە ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى

2013.08.06 14:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش كومىتېتى يېقىندا مەركەز كارخانىلىرى مەسئۇللىرىنىڭ 2010-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلى ۋە 2012-يىللىق تىجارەت نەتىجىسىنى باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، قورال-ياراق سانائىتى، 1-ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىركىتى، خېرىدار چاقىرىش ئىدارىسى قاتارلىق مەركەزنىڭ 44 كارخانىسىنىڭ 2012-يىللىق تىجارەت نەتىجىسى A دەرىجە بولۇپ باھالاندى، بۇنىڭ ئىچىدە بەش چوڭ توك تارقىتىش گۇرۇھى باھالاندى، ئەمما پولات-تۆمۈر كارخانىلىرى بۇنىڭغا كىرەلمىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، 2010-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە بولغان ۋاقىت- مەركەز كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ 3- نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلى بولۇپ، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش كومىتېتى شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ قېتىمقى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدىكى نەتىجىنى باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، جۇڭگو بىناكارلىق قۇرۇلۇش باش شىركىتى، جۇڭگو بىناكارلىق ماتېرىياللىرى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو ئېلېكتىرون پەن تېخنىكا گۇرۇھى قاتارلىق مەركەزنىڭ 45 كارخانىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدىكى نەتىجىسى A دەرىجە بولۇپ باھالاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل