باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە پۇقرالىرى دېڭىز بۈركۈتى ناملىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئوكىناۋاغا يۆتكەشكە ئېتىراز بىلدۈردى

2013.08.06 14:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى ئوكىناۋا ئۆلكىسىدىكى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بازىسىغا ئورۇنلاشتۇرغان MV-22 بەلگىلىك ئىككى دېڭىز بۈركۈتى ناملىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنى 3-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بازىسىدىن ئۇچۇپ، ئوكىناۋا ئۆلكىسىگە يۈرۈپ كەتتى. ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بازىسى ئەتراپىدا شۇ يەردىكى پۇقرالار ئەتىگەندىلا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا ئارمىيەسى بەرگەن دېڭىز بۈركۈتى ناملىق ئايروپىلانىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا قارشى تۇردى.

  يېڭى تىپتىكى بۇ ئۇرۇش ئايروپىلانىدا تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ ئالاھىدىلىكى بار بولۇپ، كۆپ قېتىم ھادىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن، بىخەتەرلىكى كىشىلەرنى ئەندىشىگە سالغان، ياپونىيە پۇقرالىرى بولۇپمۇ ئوكىناۋا ئاھالىلىرى ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بۇ خىلدىكى ئايروپىلانىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئىزچىل تۈردە قارشى تۇرۇپ كەلگەن. ئۆتكەن يىلى 10-ئايدىن بۇيان، ئوكىناۋادا كۆپ قېتىم بۇ خىلدىكى ئايروپىلاننى ئورونلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل