باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ھۇجۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 22 ئەلچىخانا-كونسۇلخانىسىنى تاقىدى، ئۇرۇش كېمىلىرى ھۇجۇمغا تەييارلاندى

2013.08.06 13:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا 4-چېسلا تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ھالەتتە 17 دۆلەتتىكى 22 ئەلچىخانا-كونسولخانىسىنى تاقاپ، پۈتۈن دۇنياغا «بازا» تەشكىلاتى تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ قاش بىلەن كىرپىك ئوتتۇرىسىدا ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت سىگنالنى قويۇپ بەردى.

  شەرقتە ھىندى ئوكياننىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى بېنگالدىن تارتىپ، غەربتە ئاتلانتىك ئوكيان قىرغاقلىرىدىكى ماۋرىتانىيەگىچە، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق، شىمالىي ئافرىقا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھەممە دىپلوماتىيە ئورگانلىرى «11-سېنتەبىر» تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىدىن بۇيان «ئەڭ ئېنىق تېررورلۇق تەھدىتى ئۇچۇرى» تۈپەيلى قاتتىق جىددىيلەشتى.

  ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىدا دېيىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەربىي قوشۇنلىرى ئاللىقاچان يۇقىرى دەرىجىلىك ھۇشيارلىق ھالىتىگە ئۆتكەن، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇقتا جەڭ قىلىش ئەترىتى بىر سائەت ئىچىدە ۋەقە چىققان ئورۇنغا ئۈلگۈرۈپ بېرىش تەييارلىقىنى قىلىپ بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچىلىرى تەشكىلاتىمۇ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، 190 ئەزا دۆلەتتىن يېقىندا يۈز بەرگەن بىر قاتار «بازا» تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ تۈرمىدىن قېچىش دېلوسىنىڭ ئۆزئارا باغلىنىشى بار-يوقلىقىنى تەكشۈرۈپ چىقىشىنى تەلەپ قىلغان.

  «بىر مەزگىل تىنچىغان ‹بازا›تەشكىلاتى يەنە قايتا باش كۆتۈردى»، غەربنىڭ تاراتقۇلىرىدا مانا مۇشۇنداق قورقۇنچ ئەۋج ئالدى، ئەمما ئىككى يىل ئىلگىرى ئامېرىكا «بازا» تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى بىن لادىننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەندە، دەل مۇشۇ تاراتقۇلار «‹بازا› تەشكىلاتى تۈگەشتى» دەپ جار سالغانىدى.

  ئامېرىكا تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخشۇناسى خوۋنىگ باھالاپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ «ئەرەب دولقۇنى»نى قوللىشى «بازا» تەشكىلاتىغا قان يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىدۇر، پۈتۈن يەرشارىدىكى تېررورىزم يارىسىدىن قارىغاندا ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى سىياسىتى ئىچكى زىددىيەتكە تولۇپ قالدى. (چېن جۇاڭليۇ، جاڭ مېڭشۈ، سۇن ۋېي، چىڭ مۇ، چېن يى)

مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما: ئامېرىكا تېررورلۇق ھۇجۇمى تەھدىتى ئاگاھلاندۇرۇشى چىقاردى

ئامېرىكا بازا تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇم قىلىشىدىن ئەنسىرەپ بىر مۇنچە دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانىلىرىنى ۋاقتىنچە تاقىدى

ئامېرىكا بىلەن يەمەن زۇڭتۇڭلىرى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەھەتتە ھەمكارلىشىش ۋە جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلەشتى
  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل