باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئورگانلارنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش كەڭ دېققەت ئېتىبارنى قوزغىدى (2)

2013.06.21 10:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەلۋەتتە، ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش جەريانىدا بىز تۆۋەندىكى 3 خىل خاھىشنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. 1) ھوقۇقنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا قايتىپ كېلىشىدىن سەگەك تۇرۇشىمىز؛ 2) ھۆكۈمەتنىڭ بىر قىسىم تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇقىنىڭ بىر قىسىم كەسپىي ئىدارىلەر ۋە كەسپىي جەمئىيەتلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىدىن ساقلىنىشىمىز؛ 3) ئىككىنچى ھۆكۈمەتنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلىنىشمىز كېرەك.

  ھۆكۈمەت قويۇپ بېرەلەيدىغان، باشقۇرالايدىغان بولۇشى لازىم. قويۇپ بېرەلەيدىغان بولىشى كېرەك دېگىنىمىز: ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقىنى بازارغا قايتۇرۇپ بېرىش، بازار باشقۇرالايدىغاننى ھۆكۈمەت باشقۇرماسلىق، دېگەنلىك؛ باشقۇرالايدىغان بولۇش دېگىنىمىز: باشقۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى، چوقۇم باشقۇرۇش لازىملىرىنى يەنىلا قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، دېگەنلىك بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، قويۇۋېتىشكە تېگىشلىكلىرىنى قويۇۋەتكەندىلا، ئاندىن قولىمىز بوشاپ، باشقۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى ياخشى باشقۇرالايمىز.

  ھۆكۈمەت ئورگانلىرىمىز تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھوقۇقىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش جەريانىدا، بىر تەرەپتىن قويۇۋېتىشكە تىگىشلىك ھوقۇقلارنى ئاكتىپ ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قويۇۋېتىپ، يەنە بىر تەرەپتىن باشقۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى ئەستايىدىل مەسئۇل بولۇش پوزىتىسىيەسى بىلەن ياخشى باشقۇرسىلا، كەمچىلىكنى تۈگۈتۈپ، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرالايمىز. ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش بىلەن نازارەتچىلىك قىلىپ باشقۇرۇشنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ئارقىلىق تېخىمۇ ئاكتىپ قويۇۋېتىشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۈنۈم بېرىشى ئارقىسىدا، بازارنىڭ ئىچكى ھاياتىي كۈچى ۋە ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى زور دەرىجىدە ئېشىپ، جۇڭگو ئىقتىسادى ساغلام تەرەققىي قىلىدۇ، ئىسلاھاتنىڭ پايدىسى كەڭ خەلق ئاممىسىغا تىگىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە