باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىنىڭ قۇرۇلمىسى يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرۇلدى

2013.06.20 16:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن ئېچىلغان «2013-يىللىق دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىنى تۇنجى باھالاش يىغىنىنى تاراتقۇلارغا ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتى» دە دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېن جىمىڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئۈچ چوڭ مۇكاپاتنىڭ قوبۇل قىلىنىش سانى 2012-يىلىدىكىن سەل ئازىيىپ، %7.6 كېمەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىنىڭ كېمىيىش كۆلىمى %11 گە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ۋە پەۋقۇلادە زور كەشپىيات يېڭىلىقلىرىغا نۇقتىلىق ئىلھام بېرىش يۈزىسىدىن تەبىئەت پەنلىرى مۇكاپاتى، تېخنىكا كەشپىيات مۇكاپاتىنىڭ ئۈچ چوڭ تۈر مۇكاپاتىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈلۈپ، مۇكاپاتنىڭ قۇرۇلمىسى يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرۇلدى.

  بۇ يىل ياشلارغا قارىتىلغان پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى مۇكاپاتى گەۋدىلەندۈرۈلدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىللىق تونۇشتۇرۇش خىزمىتىدە 40 ياشتىن تۆۋەن ياش خادىملار باشلامچى بولۇپ تاماملىغان تەتقىقات تۈرىدە دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق ئۈچ نەپەر كەسىپداش مۇتەخەسس بىرلىكتە تونۇشتۇرغان دۆلەتلىك تەبىئەت پەنلىرى مۇكاپاتى-تونۇشتۇرۇش كۆرسەتكۈچىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە