- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


سەنشى شۇجوۋدىكى بىر مېھمانسارايدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئۈچ ئادەم قازا قىلدى، 150 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى
2013.06.20 16:45
19-ئىيۇن سائەت 21:20 ئەتراپىدا، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ شۇجوۋ شەھىرىدىكى بىر مېھمانسارايدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئۈچ ئادەم قازا قىلغان، 156 ئادەم يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان، ئۇنىڭ ئىچىدە 12 ئادەمنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن.
يەرلىك ئالاقىدار تارماقلار ۋە ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىنىڭ پەرەز قىلىشىچە، ۋەقە تەبىئىي گاز ياكى كۆمۈر گازنىڭ پارتلىشىدىن كېلىپ چىققان. ئىككىنچى قېتىملىق پارتلاشتا 10 دىن ئارتۇق ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى يارىلانغان. مۇخبىر نەق مەيداندا ۋەقە يۈز بەرگەن ئىككى قەۋەتلىك بىنانىڭ كۆيۈپ ئۆرۈلۈپ كەتكەنلىكىنى، نەق مەيداندىن يىراق بولمىغان جايدىكى بىنالارنىڭ كۆپىنچە دېرىزە ئەينەكلىرىنىڭ چېقىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە