- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
دۆلىتىمىزنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرىنىڭ دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئىپادىسىگە ئىنكاس قايتۇردى
چاتاق تېرىپ جىددىي ۋەزىيەت پەيدا قىلغىنى ۋە ئېغىرلاشتۇرۇۋاتقىنى - ياپونىيە
2013.05.02 16:52 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ماي ۋاشنگتوندىن بەرگەن خەۋىرى: 29-ئاپىرىل ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى خاگېل ياپونىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىيە باش ۋەزىرى ئىتسۇنورى ئونودېرا بىلەن ئۇچراشقاندا دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىگە قارىتا ئىپادە بىلدۈرگەندىن كېيىن، شۇ جاي ۋاقتى 30-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن، جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەي بۇنىڭغا قارىتا مەخسۇس ئىنكاس قايتۇردى. سۈي تيەنكەي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدە، چاتاق تېرىپ جىددىي ۋەزىيەت پەيدا قىلغىنى ۋە ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكىنىمۇ ياپونىيە، ئاتالمىش ئۆزى بىلگەنچە، تەھدىتەن ھەرىكەت قوللانغىنىمۇ ياپونىيە.(لى بويا خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە