باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئابباس پەلەستىن يېڭى ھۆكۈمىتى تەشكىللەشنى ئۈمىد قىلدى

2013.05.02 16:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:ئاۋىستىرىيەدە زىيارەتتە بولىۋاتقان پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابباس تۈنۈگۈن ۋېنادا مۇنداق دېدى: مەن مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ياراشتۇرۇشى ئارقىسىدا پەلەستىن مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتىنى يېڭىدىن تەشكىللەشنى خالايمەن.

  ئۇ شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: ئەگەر پەلەستىندىكى يەنە بىر سىياسىي گۇرۇھ پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى خاماس مېنىڭ بۇ ئىشىمنى قوللىسا، ئۇنداقتا يېڭى كابىنېتنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە چوڭ سايلام ۋاقتىنى بېكىتىشكە ئۇزۇن ۋاقىت كەتمەيدۇ.

  ئۇ پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتا باشلاش ھەققىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پەلەستىننىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتا باشلاشقا قوشۇلۇشتىكى شەرت- ئىسرائىلىيە شەرقى ئېروسالىم ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىدە يېڭىدىن يەھۇدىيلار مەھەللىسى سېلىشنى توختىتىش.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە