باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا بولىۋىيەنىڭ ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات مەھكىمىسىنى قوغلاپ چىقارغانلىقىدىن ئەپسۇسلاندى

2013.05.02 16:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ۋېنتلېر تۈنۈگۈن بولىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ كۈنى ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات مەھكىمىسىنى قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇنىڭدىن ناھايىتى ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بولىۋىيەنىڭ ئىچكى ئىشىمىزغا ئارىلاشتى دېگەن سۆزىنىڭ قىلچە ئاساسى يوق دېدى. ۋېنتلېر مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشنى تېخى قارار قىلمىدى، لېكىن بولىۋىيەنىڭ بۇ قىلمىشى بولىۋىيە پۇقرالىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.

  بولىۋىيە پىرېزىدېنتى مۇرالېس تۈنۈگۈن «1-ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى تەبرىكلەپ سۆز قىلغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئورگىنىنىڭ بولىۋىيەدىكى ھەرىكەتلىرىدە سىياسىي مەقسەت بار، ئۇلار يەرلىك دېھقانلار جەمئىيىتى ئىجتىمائىي كوللېكتىپلارنىڭ ئىشىغا ئارىلاشتى شۇنىڭ بىلەن بىرگە بولىۋىيەنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىتىگە سۈيقەست ئىشلەتتى دەپ ئەيىبلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە