باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پەلەستىن ئىسرائىلىيە بىلەن ئاز بىر قىسىم يەرلەرنى ئالماشتۇرۇشقا قوشۇلدى

2013.05.02 16:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:پەلەستىننىڭ باش سۆھبەت ۋەكىلى ئېرىكات تۈنۈگۈن پەلەستىن ئىسرائىلىيە بىلەن ئاز بىر قىسىم يەرلەرنى ئالماشتۇرۇشقا قوشۇلدى دېدى.

  ئېرىكات مۇنداق دېدى: پەلەستىن ئەرەب ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئاپرېلنىڭ ئاخىرى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررىي بىلەن ۋاشىنگتوندا ئۇچراشقاندىن كېيىنكى پوزىتسىيىسىگە قوشۇلىدۇ، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئاز بىر قىسىم يەرلىرىنى ئالماشتۇرۇش ئەھۋالى ئاستىدا 1967-يىلىدىكى چېگرا سىزىقى ئاساسىدىكى ئىككى دۆلەت لايىھەسىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئېرىكات مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىر توپ ئىسرائىلىيە تەرەپتە، ناۋادا ئىسرائىلىيە بۇ لايىھىنى قوبۇل قىلسا، ئۇنداقتا پەلەستىن بىلەن ئەرەب ئەللىرى دائىرىلىرى سۆھبەتنى باشلاشنى خالايدۇ.

  يەنە بىر خەۋەرگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئىشخانىسى ئەرەب ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مەيدانىنى رەت قىلىپ ئوبزور ئېلان قىلغان، لېكىن پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە سۆھبىتى ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەدلىيە مىنىستىرى لىۋنى بۇنى قارشى ئېلىپ، بۇ ناھايىتى مۇھىم بىر قەدەم دەپ قارىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە