- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


نۇرغۇن جايلاردا يېڭى سىياسىي كېڭەش رەئىسى سايلاپ چىقىلدى
2013.01.28 09:43 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى: جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 10-نۆۋەتلىك شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى 27-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن لاسادا ئېچىلدى. يىغىندا پابالا گېلىلاڭجى سىياسىي كېڭەش شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. يىغىن مەيدانىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 615 بولۇپ، ئەمەلىيەتتە 546 ئەزا قاتناشقان، بۇ-سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن ئىكەن.
يىغىن رىياسەتچىسى پابالا گېلىلاڭجىنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن سىياسىي كېڭەش شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى جاكارلىغاندا، بارلىق ئەزالار قىزغىن ئالقىش بىلەن تەبرىكلىدى. بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىگە قارىغاندا، گوڭباۋ جاشى قاتارلىق 15 كىشى سىياسىي كېڭەش شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە، سولاڭ پېيجى سىياسىي كېڭەش شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ باش كاتىپلىقىغا سايلانغان.
شۇ كۈنى، سىياسىي كېڭەش گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىدا، چېن جىۋا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.
سىياسىي كېڭەش نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىدا، چى توڭشىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.
شۇ كۈنى يۈننەن ئۆلكىلىك 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدىمۇ سايلام ئۆتكۈزۈلدى، لى جىخېڭ يۈننەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقلىقىغا، چىن گۇاڭروڭ يۈننەن ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا سايلاندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە