باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلار ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك داۋالاش سەھىيە ئاپپاراتلىرى ئاساسى دورىنى ئىشلىتىش نىسبىتىنى بەلگىلىشى كېرەك

2013.01.09 08:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۆۋەتتىكى ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ داۋالاش دورا ھەققى يۈكىنىڭ بىر قەدەر ئېغىرلىقى، نامۇۋاپىق دورا ئىشلىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنماسلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، سەھىيە مىنىستىرى چىن جۇ 7-يانۋار مۇنداق دېدى: يېڭى نۇسخىدىكى دۆلەت ئاساسى دورا مۇنجەرىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جايلار ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك داۋالاش سەھىيە ئاپپاراتلىرى ئاساسى دورىنى ئىشلىتىش نىسبىتىنى بەلگىلىشى كېرەك.

  چىن جۇ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلام داۋالاش سەھىيە ئورگانلىرى ئاساسى دورىنى ئىشلىتىشكە تولۇق ماسلىشىشى؛ 2-دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار ئاساسى دورىنى ئىشلىتىش مىقدارى ۋە سېتىش سوممىسىنى %40تىن %50كېچە يەتكۈزۈشى، ئۇنىڭ ئىچىدە ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات سىنىقى يولغا قويۇلغان ناھىيەلەردىكى 2-دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار تەخمىنەن %50كە يەتكۈزۈشى؛ 3-دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار ئاساسى دورىنى سېتىش سوممىسىنى %25تىن %30كېچە يەتكۈزۈشى كېرەك.

  چىن جۇ ھۆكۈمەت دوختۇرخانىرى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دورا بىلەن دوختۇرخانىنى بېقىشنى بىكار قىلىش توغرىسىدا مۇنداق دېدى: 2013-يىلى ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات سىنىقى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، سىناق ناھىيە مەملىكەت بويىچە %50تىن ئاشۇرۇلىدۇ، 2015-يىلنىڭ ئاخىرغىچە %90 ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ۋە ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھات سىنىقى يولغا قويۇلغان بارلىق شەھەرلەر «دورا بىلەن دوختۇرخانا»نى بېقىش مېخانىزمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە