باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر دا ئۈچ چوڭ بازا قۇرۇلۇپ، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپ ئىختىساسلىقلىرى تەربىيەلىنىدۇ

2013.01.09 08:32         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون 2013–يىلى 2–كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسى، كارخانا باشقۇرۇش خادىملىرى بىلەن كەسپىي تېخنىكلارنى تەربىيەلەش بازىسى ھەم ئۇچۇرلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش بازىسى قۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپ ئىختىساسلىقلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەربىيەلەيدۇ.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، بىيو دورىگەرلىك، ئىلغار ئۈسكۈنىلەر ياسىمىچىلىقى قاتارلىق گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجىنى تەكشۈرۈش–تەتقىق قىلىش ۋە پىلانلاش ئارقىلىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنى تەسىس قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپ ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەيدىكەن.

  ھازىر ھەمكارلىق مېخانىزمى بەرپا قىلغان تەربىيەلەش ئەۋزەللىكىگە ئاساسەن، خىزمەتتىن ئايرىپ ئۆگىنىشكە ئەۋەتىش، ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىش، تۈر ھەمكارلىقى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تىجارىتىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئىختىساسلىقلار، كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى نۇقتىلىق تەربىيەلەيدىكەن. ئوتتۇرا ۋە كىچىك كارخانىلاردا «سامان يولى قۇرۇلۇشى» تەربىيەسىنى قانات يايدۇرىدىكەن. ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىغا ھاۋالىلىك قارايدىغان ئالىي مەكتەپ ۋە ئىنستىتۇتلاردا ئالدى بىلەن ئوتتۇرا ۋە كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىشچى–خىزمەتچىلىرىنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، بىر يىلدا 20 مىڭ كىشىنى تەربىيەلەش نىشانىغا يېتىدىكەن. گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ «كارخانىلارنىڭ تىجارىتىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئىختىساسلىقلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى»، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ «يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشكە ئېھتىياجلىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشى»نى تەشكىللەپ يولغا قويىدىكەن، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش پىلانى»نى پائال قانات يايدۇرۇپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تىرىشىپ ئىلغار–مۇنەۋۋەر قاتارىغا كىرگەن كارخانىلارنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويۇشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىدىكەن، كارخانىلاردىكى ئالىي ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك تىجارەت باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاز سانلىق مىللەت كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلىشىگە ئەھمىيەت بېرىدىكەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئىشخانىسىغا ماسلىشىپ، «شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ تىجارىتىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئىختىساسلىقلار ئامبىرى» قۇرۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كارخانا تىجارىتىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش ۋە تەربىيەلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرىدىكەن، ئىلمىيلاشتۇرىدىكەن ۋە ئايدىڭلاشتۇرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە