باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بىيولوگىيەلىك كەسىپ تەرەققىيات پىلانىنى ئېلان قىلدى

2013.01.09 08:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى يېقىندا بىيولوگىيەلىك كەسىپ تەرەققىيات پىلانىنى چىقىرىپ، 2020-يىلىغىچە بىيولوگىيەلىك كەسىپ تەرەققىياتىنى دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ تۈۋرۈكلۈك كەسپىگە ئايلاندۇرۇش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  پىلانغا ئاساسەن، 2015-يىلىغىچە، ئېلىمىز بىيولوگىيەلىك كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى 2010-يىلىدىكىدىن بىر قاتلاپ، سانائەت قوشۇلما قىممەت نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرىدىكەن. بىيولوگىيەلىك كەسىپ ئالاھىدىلىكى روشەن كەسىپ تەرەققىيات ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا قوشقان تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، يەر شارى كەسىپ رىقابەت قېلىپىدا پايدىلىق ئورۇنغا ئۆتتى.

  بىيولوگىيەلىك كەسىپ تەرەققىيات پىلانىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بىيولوگىيەلىك كەسىپ دۆلەت بېكىتكەن بىر تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ. 2011-يىلى ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى تەخمىنەن ئىككى تىرىليون يۈەنگە يەتتى. بىيو تېببىي دورىلار، بىيولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى، بىيولوگىيەلىك ياسىمىچىلىق، بىيولوگىيەلىك ئېنېرگىيە قاتارلىق كەسىپلەر دەسلەپكە كۆلەمگە ئىگە بولدى. نۆۋەتتە ئېلىمىز كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كاپالىتى، ئېنېرگىيە بايلىقى كەمچىل بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ناچارلىشىش قاتارلىق خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. نوپۇسنىڭ ساغلاملىقى، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ئۈچۈن، يېڭى تىپتىكى دورىلار، زىرائەتلەرنىڭ يېڭى سورتلىرى، يېشىل تېرىقچىلىق تېخنىكىسى، بىيولوگىيەلىك يېقىلغۇ ۋە بىيولوگىيەلىك توك تارقىتىش، بىيولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش تېخنىكىسى، بىيولوگىيەلىك ئاساسىي مەھسۇلات قاتارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە