باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پەلەستىن نامىنى «پەلەستىن دۆلىتى»گە رەسمىي ئۆزگەرتىدۇ

2013.01.09 08:52         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابباس 6–يانۋار رەئىس پەرمانى ئىمزالاپ، ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ‹‹پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى›› دېگەن نامنى ‹‹پەلەستىن دۆلىتى››گە ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئابباس پەلەستىن ھۆكۈمەت تارماقلىرىدىن ئىككى ئاي ئىچىدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇن–بەلگىلىمىلەردىكى نامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ھەم پوچتا ماركىسى، پاسپورت، كىملىك، ئاھالىلەرنىڭ تۇغۇت ئىسپاتى ۋە ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى قاتارلىق گۇۋاھنامىلەرنى يېڭىدىن ياساشنى تەلەپ قىلدى.

  پەلەستىن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى يەنە مۇنداق دېدى: پەلەستىننىڭ چەت ئەللەردىكى بارلىق ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلىرىغا ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىپ، ئۇلاردىن دىپلوماتىيە ھۆججەتلىرىدە ‹‹پەلەستىن دۆلىتى›› دېگەن نامنى ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلدۇق. ھازىر، پەلەستىننىڭ رەسمىي ھۆججەتلىرى ھەم ئاھالىلەرنىڭ كېنىشكىسىنىڭ ھەممىسىدە ‹‹پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى›› دېگەن نام ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.

  پەلەستىن ‹‹ۋافا›› ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ ئۇسۇل ب د ت نىڭ پەلەستىننىڭ ئورنىنى ‹‹كۆزەتكۈچى دۆلەت››لىككە ئۆستۈرۈش قارارىنى يولغا قويۇش ئۈچۈندۇر، بۇ ھەم ‹‹يېرۇسالېمنى پايتەخت قىلغان پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم قەدەم باسقانلىق››.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە