باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ پەن -تېخنىكا ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇنلىدى

2013.01.09 08:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2012-يىلى شىنجاڭ بېكىتكەن نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى بولغان پەن-تېخنىكا ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تولۇق ئورۇنلاپ، بىر مىليونغا يېقىن كىشىگە نەپ يەتكۈزدى. ئىگىلىنىشىچە، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا ئارقىلىق خەلق بېيىتىش ناھىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مەخسۇس ھەرىكىتى، پەن-تېخنىكا مەخسۇس خادىملىرى يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ھەرىكىتى ۋە يېزىلاردا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ھەرىكىتىدىن ئىبارەت ئۈچ خىزمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  ئۆتكەن يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا نازارىتى دۆلەتكە پەن-تېخنىكا ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش، ناھىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش پىلان تۈرىدىن 18نى تەۋسىيە قىلدى، دۆلەت 13 تۈرنى تۇرغۇزدى، 25 مىليون 350 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجراتتى. ئالايلۇق: پوسكام ناھىيەسى «ئەلا سۈپەتلىك چىلاننى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەمدە كەسىپلەشتۈرۈش تۈرى»نى يولغا قويۇش ئارقىلىق، چىلاننى ئۆلچەملەشتۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدىكى ئون مىڭ مو يەرگە تولۇقلاپ چىلان تىكتى ھەمدە ئۇلاپ سورتنى ياخشىلىدى، دېھقانلارنىڭ چىلاندىن قىلغان كىشى بېشى ساپ كىرىمى 1721 يۈەن 10 پۇڭغا يەتتى.

  ئۆتكەن يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا نازارىتى پەن تېخنىكا مەخسۇس خادىملىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، پەن تېخنىكا مەخسۇس خادىملىرى يېزىلاردا پەن-تېخنىكا بويىچە يېڭىلىق يارىتىش تۈرى، ئىگىلىك تىكلەش زەنجىرى تۈرى، ئىگىلىك تىكلەش قەرز ئۆسۈمىنى قوشۇپ بېرىش تۈرى، پەن-تېخنىكا مەخسۇس خادىملىرىنى تەربىيەلەش تۈرى، ئاپتونوم رايونلۇق قانۇن ئىگىلەر پەن تېخنىكا مەخسۇس خادىملىرى ھۆددىگە ئالغان ناھىيە، شەھەرلەر تېخنىكا مۇلازىمەت تۈرىدىن ئىبارەت 406 تۈر ۋە 20 مىليون يۈەن راسخوت چۈشۈردى. پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن 2012-يىلى شىنجاڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى راسخوتىنى 2011-يىلىدىكى 800 مىڭ يۈەندىن 3 مىليون يۈەنگە كۆپەيتىپ، %175 ئاشۇردى، «پەن-تېخنىكا ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش»، «يېزا ئىگىلىكى پەن-تېخنىكىسى جەھەتتە خەلق تۇرمۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش يۈرۈشلۈك پائالىيىتى» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللىدى. پۈتۈن يىلدا 5 مىڭدىن ئارتۇق پەن-تېخنىكا مەخسۇس خادىمى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا تۈرلۈك پەن-تېخنىكا تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، بىر مىليونغا يېقىن كىشىگە نەپ يەتكۈزدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە