باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ياپونىيە كۈچلۈك قوشۇن بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي جەڭگە تەييارلىق قىلماقتا(1)

2013.01.09 08:43        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كىيودۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە دىياۋيۈ ئارىلى ئەتراپىدا جۇڭگو پاراخوتلىرىنىڭ كۆپ قېتىم ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىپ ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرىۋەتكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، پاراشۇتچىلار قىسمى قۇرۇقلۇقتا قوغدىنىش قىسمىنىڭ تۇنجى پاراشۇتچىلار قىسمىغا ئىگە بولىدىكەن؛ بۇ يىل 1-ئايدا تۇنجى قېتىم يىللىق قەرەللىك مەشىقتە تەقلىد ئارالنى قايتۇرۇۋېلىش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈدىكەن.

  قۇرۇقلۇقتا قوغدىنىش قىسمىنىڭ تۇنجى پاراشۇتچىلار قىسمىنىڭ بازىسى چىبا ئۆلكىسىدە بولىدىكەن. ھەر يىلى 1- ئايدا چىبا شەھىرىدىكى مانېۋىردا قەرەللىك پاراشۇت مانېۋىرى ئۆتكۈزىدىكەن. 1-پاراشۇتچىلار قىسمىنىڭ كادىرى 6- يانۋار مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: بۇ قېتىمقى مانېۋىر دۈشمەن ئىگىلىۋالغان ئارالنى قايتۇرىۋېلىش تۇنجى تەقلىد مانېۋىرى. ئىلگىرىكىسى دۈشمەن ئارقا سېپى پاراشۇت قىسمى مانېۋىرى ئىدى. بۇ يىللىق ئاشكارا مەشىق 13- يانۋار ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  قوغدىنىش قىسمىنىڭ كادىرى مانېۋىرنى بېكىتىش توغرىسىدا مۇنداق دېدى: چارلاش قىسىمىنىڭ نەچچە خادىمى تەقلىد ئارال مانېۋىر مەيدانىدا قىرغاققا چۈشىدۇ. 40 نەچچە كىشىدىن تەركىب تاپقان ئارقا سەپ قىسمى ئايروپىلان ۋە دېڭىزدا قوغدىنىش قىسمىنىڭ ھىمايىسىدە يەرگە چۈشىدۇ. دېڭىزغا چۈشۈش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، مانېۋىرغا قاتناشقان خادىملار قۇتقۇزۇش كىيىمى كىيىدۇ، ھەمدە ئۇلارغا تاپانچا سەپلەپ بېرىلىدۇ. قېيىنلىق دەرىجىسى ئادەتتىكى پاراشۇت بىلەن يەرگە چۈشۈشتىن قېيىن بولىدۇ.

  ياپونىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئاراللارنى قوغداشنى ئاساسلىقى ناگاساكى ئۆلكىسىنىڭ غەربىدىكى ئادەتتىكى قىسىم مەسئۇل بولىدۇ. بۇ قىسىم تىرانسپورت پاراخوتى ئارقىلىق يۆتكىلىدىغان بولغاچقا، جىددىي ئەھۋال، تىز ئىنكاس قايتۇرۇشقا توغرا كەلگەندە 1- پاراشۇتچىلار قىسمىنى ئىشقا سالىدۇ. قوغدىنىش قىسمى ئۇرۇش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن بۇ قېتىمقى مانېۋىر ئارقىلىق 1- پاراشۇتچىلار ئەڭ سەرخىل قىسىمى قۇرىدۇ.

  ئابى شىنزو تەختكە چىققاندىن كېيىن، دىياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدە قاتتىق پوزىتسىيەدە بولدى. جۇڭگو دىياۋيۈ ئارىلى دېڭىزىدا ئېلىپ بارغان يۈرۈشلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ھەرىكىتىمۇ ياپونىيەنى تاقابىل تۇرۇشتا ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق ھالىتىگە چۈشۈرۈپ قويدى. ئابى شىنزو يېقىندا مۇداپىئە ۋازارىتى ۋە دېڭىز مۇھاپىزەت نازارىتىنىڭ كادىرىنى چاقىرىتىپ، باش ۋەزىر مەھكىمىسىدە يىغىن ئېچىپ، جۇڭگو ئايروپىلانلىرىنىڭ دىياۋيۈ ئارىلىغا يېقىن ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇپ يۈرۈشىگە كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلدى. ھەمدە قوغدىنىش قىسمىنىڭ جۇڭگو ئايروپىلانلىرىغا تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن ئالاقىدار قوغدىنىش تۈزۈلمىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھەققىدە يول يورۇق بەردى.

  ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتى يېقىندا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: يېقىندا جۇڭگو دېڭىز ئوكيان ئىدارىسىنىڭ بىر ئايروپىلانى دىياۋيۈ ئارىلىغا يېقىن ھاۋا تەۋەلىكىگە كىردى. ياپونىيە ئاۋىياتسىيە قوغدىنىش قىسمىنىڭ سوقۇش ئايروپىلانى ئارقىدىن جىددىي تاقابىل تۇردى. بۇنىڭغا قارىتا ئابى شىنزو مۇداپىئە ۋازارىتى ۋە دېڭىز مۇھاپىزەت نازارىتى يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو ئايروپىلانى ۋە جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت پاراخوتىنىڭ دىياۋيۈ ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز ، ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش تۈزۈلمىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى، ھەمدە ھېچقانداق نۇقسان چىقمايدىغان قوغدىنىش تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

  ئۇندىن باشقا، ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتىنىڭ ۋەزىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئايروپىلانىنىڭ دىياۋيۈ ئارىلى ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇشى ياپونىيەنىڭ مۇداپىئەدە زور بوشلۇق بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا ھەربىي خىراجەت خامچوتىنى كۆپەيتىپ، ياپونىيەنىڭ مۇداپىئە تۈزۈلمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: ياپونىيەنىڭ قوغدىنىش راسخوتى يېقىنقى ئون يىلدا كېمەيگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەتراپدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي راسخوتى كۆپەيدى. شۇڭا ھۆكۈمەتتىن يېڭى مالىيە يىلىدا قوغدىنىش خامچوتىنى كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلىمىز. ئۇ يەنە دېموكراتلار پارتىيەسى ھاكىمىيىتى تۈزگەن قوغدىنىش پىلانىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ياپونىيەنىڭ بىر پۈتۈن مۇداپىئە تۈزۈلمىسىنى كۈچەيتىش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە