باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو قەشقەر . تۇنجى نۆۋەتلىك رايون خاراكتېرلىك خەلقئارا سودا ئوبوروتى كەسپى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىش مۇنبىرى باشلاندى

2013.01.09 15:41   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

جۇڭگو قەشقەر . تۇنجى نۆۋەتلىك رايون خاراكتېرلىك خەلقئارا سودا ئوبوروتى كەسپى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىش مۇنبىرى باشلاندى

  

  2013-يىلى 4-ئايدا قەشقەر– ئىسلامئاباد ھاۋا تىرانسپورتى مەخسۇس لىنىيەسى ئېچىلىدۇ

  2013-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى ئەڭ چوڭ كەسىپ تۈرى ـــ گۇاڭجۇ يېڭى شەھەر رايونىدا تىجارەت باشلىنىدۇ

  تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو قەشقەر . گۇاڭجۇ تاۋار ئالماشتۇرۇش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ


  جۇڭگو قەشقەر . تۇنجى نۆۋەتلىك رايون خاراكتېرلىك خەلقئارا سودا ئوبوروتى كەسپى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىش مۇنبىرى 8-يانۋار قەشقەردە ئېچىلدى. بۇ قېتىم قىرغىزىستان، پاكىستان قاتارلىق ئەتراپتىكى سەككىز دۆلەت، 14 رايوندىن كەلگەن ئەلچىلەر، سودا مەسلىھەتچىلىرى، چوڭ تىپتىكى سودا ئوبوروتى كارخانىلىرى ۋە جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، گۇاڭجۇ شەھەرلىك سودا ئىدارىسى، تاشقى ئىقتىساد-سودا سىستېمىسى، شۇنداقلا مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كارخانىچىلاردىن بولۇپ، 300 دەك كىشى قەشقەرگە جەم بولۇپ چېگرا سودىسىنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى ئورتاق كېڭەشتى.

  ‹‹2013-يىلى 4-ئايدا قەشقەردىن ئىسلامئابادقىچە بولغان ئارىلىقتا ھاۋادا توشۇش مەخسۇس لىنىيەسى ئېچىلىدۇ، ئېچىلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى ھەربىر ئايرۇپىلانغا 60 مىڭ يۈەندىن تولۇقما ياردەم پۇلى بېرىدۇ.›› بۇ ئۇچۇرنى ئاڭلىغان يىغىن ئەھلى ئۇزۇنغىچە ئالقىش ياڭراتتى. بۇ مەخسۇس لىنىيە جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەرنىڭ تاشقى سودا دەرۋازىسىنى ئېچىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا سودا يولىنى تۇتاشتۇرۇشتىكى مۇھىم باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالدى، شۇنداقلا قەشقەرنىڭ ‹‹بەش ئېغىز سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىش، بىر يول بىلەنلا ياۋرۇ-ئاسىياغا بارغىلى بولۇش››تەك جۇغراپىيەۋى ئەۋزەللىكىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىدىكى مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى.

  قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ۋالىي مۇتەللىپ ئوبۇل مۇنداق دېدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەر شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت ماكانغا نەزەر سېلىشقا ۋە مەبلەغ سېلىشقا باشلىدى. شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم سودا ئۆتىڭى بولۇپ، ‹‹بەش ئېغىز سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىش››تەك رايون ئەۋزەللىكىگە ئاساسەن دۆلەت ئىچىدىكىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغاپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئەتراپتىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ھەتتا دۇنيانىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىماقتا. ئاپتونوم رايون، قەشقەر ۋىلايىتى قەشقەرنىڭ چېگرا سودىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. بۇ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىش مۇنبىرىمۇ قەشقەرنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىش، تاشقى سودا يوللىرىنى ئېچىش، تەدرىجىي ھالدا مۇكەممەل چېگرا سودىسى سەھنىسى بەرپا قىلىش، قەشقەرنىڭ قەدىمىي يىپەك يولىدىكى پارلاق ئوبرازىنى قايتا نامايان قىلىش، يېڭى يىپەك يولىدىكى سودا ئۆتىڭىنى قۇرۇپ چىقىش قاتارلىقلاردا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ يۈز-تۇرانە ئىمتىھان تىزىملىكى ئېلان قىلىندى، بىر ئورۇنغا تىزىملاتقان 95…
      ·2013-يىللىق سەنئەت ئېمتىھانىغا دائىر يېڭى سىياسەتلەر: مەركىزىي تىياتىر ئىنسىتىتۇتىدىن ماتېماتىكا ئى…
      ·ئېلىمىزنىڭ قازاقىستاندىن تۇرۇبا ئارقىلىق ئىمپورت قىلغان نېفىت مىقدارى 50 مىليون توننىدىن ئاشىدۇ 
      ·شىنجاڭ كەلگۈسى بەش يىلدا ئاز سانلىق مىللەت قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىدۇ 
      ·مائارىپ سېلىنمىسى داۋاملىق ئاشتى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى جياڭشىدىكى يەسلى ماشىنىسى ئۆرۈلۈپ كېتىش ھادىسىسى توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم جىدد…
      ·قازاقىستاندا بىر ھەربى ترانسپورت ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى
      ·2011-يىلى پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىراجىتى غەملىمە سوممىسى ئون مىليارد يۈەندىن ئاشتى
      ·قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى: جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىمىز
      ·ئېلىمىزدە قوبۇل قىلىنغان دوكتۇر ئاشتى تەتقىقاتچى بىر مىليوندىن ئاشتى