باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

ھىندىستانلىق ئەر قىزلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن ساپ ئالتۇندىن كۆڭلەك كىيدى (1)

2013.01.06 13:25  

ھىندىستانلىق ئەر قىزلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن ساپ ئالتۇندىن كۆڭلەك كىيدى (1)

  مال-دۇنياغا مۇھەببەتنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، بىراق مال-دۇنيا ئارقىلىق ئاياللارنىڭ دىققەت-نەزەرىنى تارتقىلى بولىدۇ. چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن ھىندىستانلىق داتا ئىسىملىك ئەر يېقىندا 14 مىڭ پۇند (تەخمىنەن 140 مىڭ يۈەن) خەجلەپ، بىر ساپ ئالتۇن كۆڭلەك ‹‹تىككۈزگەن››. بۇ كۆڭلەكنىڭ خام ماتېرىيالى سېرىق ئالتۇن بولۇپ، 15 زەرگەر ھەر كۈنى 16 سائەتتىن ئىشلەپ، جەمئىي ئىككى ھەپتە ۋاقىتتا كۆڭلەكنى پۈتكۈزگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ ئالتۇن كۆڭلەككە يەنە ئالتۇن بىلەيزۈك قاتارلىق بېزەكلەرنى سەپلىگەن.

  داتانىڭ دېيىشىچە، ئالتۇن كۆڭلەك كىيىش ئاياللارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن ئىكەن، ئۇ ‹‹ئۆزۈمنىڭ ئانچە كېلىشكەن ئەمەسلىكىمنى بىلىمەن، بىراق قايسى قىز بۇنداق كۆڭلەكنى كۆرسە ھەيران قالماي تۇرالايدۇ؟›› دېگەن.

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز