باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىنى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كېرەكمۇ يوق؟

2013.01.08 11:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل قىش 28 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ سوغۇق قىش بولدى، ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى قىسىمەن رايونلاردىكى كىشىلەر قەھرىتان قىشنى ھەقىقىي ھېس قىلىپ يەتتى، جەنۇبتىكى رايونلارنى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كېرەكمۇ يوق دېگەن مۇنازىرىلەر يەنە كۆتۈرۈلدى، 20 مىڭ تورداش قاتناشقان بىر تەكشۈرۈشتىن ئايان بولىشىچە %80 دىن ئارتۇق كىشى جەنۇبنى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى قوللايدىكەن.

  بۈگۈنكى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ئۆلچىمى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىقتىسادىي ئىقتىدار ۋە پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىگە ئاساسەن بېكىتىلگەن بولۇپ، ئېلىمىز چىنلىڭ ـ خۈەيخې لىنىيەسىنى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش لىنىيەسى قىلدى، چۈنكى بۇ جايلارنىڭ يىلىغا كۈندىلىك تېمپېراتۇرىسى بەش سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن ياكى تەڭ بولغان كۈنلەر 90 كۈندىن ئارتۇق بولۇپ، ئاساسلىقى شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي شىمال، غەربىي شىمال قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.

  چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى سەي جىمىڭ مۇنداق دېدى: مۇشۇ يىللاردىن بۇيان، دۆلەت كۈچى جەمئىيەتنىڭ ھاللىق سەۋىيەسى ئاشتى، ئەمما جەنۇبتىكى بەزى شەھەرلەرنىڭ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش شارائىتى تەڭ قەدەمدە ئاشمىدى. جەنۇبنىڭ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ئاممىۋىي ئەسلىھەلىرى ئومۇمىي جەھەتتىن باشقا ئاساسىي ئۇل ئەسلىھەلەردىن ئارقىدا قالدى.

  ئامما جەنۇبنى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كېرەكمۇ ئەمەسمۇ دېگەن تېمىدا قىزغىن مۇنازىرە ئېلىپ بېرىۋاتقاندا نەنجىڭ، ۋۇخەن، شۈجۇ قاتارلىق بەزى جايلار باشلامچىلىق بىلەن شەھەرنى مەركەزلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ئۈستىدە ئىزدەندى، 2010-يىلى جياڭسۇ ناھىيەدىن يۇقىرى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر شەھەرلەرنىڭ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش پىلانىنى تۈزۈپ، مەركەزلىك پار بېرىش كېرەك دېگەنلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۆتكەن يىلى ۋۇخەننىڭ شەرقىي غەربىي كۆل رايونى بىلەن شېنخۇا گۇرۇھى بۇ رايوننى مەركەزلىك پار بىلەن تەمىنلەش ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالىدى، بۇنىڭدىن 1 مىليون كىشى نەپ ئالدى، شۈجۇدا شەھەرلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل قىش، شەھەر مالىيەسىدىن ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلىگۈچى كارخانىلار ئۈچۈن 16 مىليون يۈەن تولۇقلىما بېرىلدى، تەخمىنەن 250 مەھەللە رايونىغا پار يەتكۈزۈلدى.

  جەنۇبتىكى نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى مۇنداق دەپ قارىدى: قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈش كۈچلۈك خەلق تۇرمۇشى تەلىپى بولۇپ قالدى، ھۆكۈمەت مۇكەممەل، مۇناسىپ ئاممىۋى مۇلازىمەت ئۈستىدە ئويلىشىپ، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىدە خېلى ئىشلارنى قىلىشى كېرەك.

  بايلىق كەمچىل بولۇش باش قاتۇرىدىغان مەسىلە، ئېلىمىزنىڭ ئىسسىقلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆمۈر گازى بايلىقى جەنۇبتا بىرقەدەر كەم، مۇھىت ئاسراش كەلگۈسى يۆنىلىش، بەزى دوكلاتلاردا ئاگاھلاندۇرۇلۇپ: ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى شەھەرلەرنىڭ ئىسسىنىش ئۈچۈن خوراتقان ئېنېرگىيەسى پۈتۈن مەملىكەت شەھەر بازارلىرى قۇرۇلۇش ئومۇمىي كۆلىمى ئېنېرگىيە سەرپىياتىنىڭ %40 نى تەشكىل قىلىدۇ دېيىلدى، مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جەنۇبتىكى رايونلارنى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشتە كۆمۈر ئارقىلىق ئىسسىقلىق تارقىتىشتەك كونا يولدا ماڭماستىن ھەم ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، ھەم مۇھىت ئاسرايدىغان يولنى تاللاش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە