باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ساقچىلىرى پەۋقۇلئاددە زور زەھەر ئەتكەسچىلىك دېلوسىنى پاش قىلدى

يۈك ـ تاقنىڭ ئىچىگە 319.6 گرام خىروئىن يوشۇرۇلغان ئىدى

2013.01.08 14:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇلار ئىچكىرىدىن زەھەرلىك چېكىملىك سېتىۋىلىپ، ھاۋالىلىك توشۇش ئورۇنلىرى ئارقىلىق كورلا شەھىرىگە ئاپىرىپ، زەھەر سېتىش بىلەن شۇغۇللانماقچى بولغان، بىراق ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى ساقچىلار ئىگىلەپ بولغان ئىدى. تۈنۈگۈن (7-يانۋار)، مۇخبىرنىڭ بايىنغۇلىن ئوبلاستىدىن ئىگىلىشىچە، كورلا ساقچىلىرى پەۋقۇلئاددە زور زەھەر ئەتكەسچىلىك دېلوسىنى پاش قىلغان بولۇپ، خەلق ساقچىلىرى گۇماندارنىڭ يۈك ـ تاقلىرى ئىچىدىن 319.6 گرام خروئېننى قولغا چۈشۈرگەن.

  ساقچى تەرەپنىڭ دېيىشىچە، گۇماندار تۇ Ⅹشىنجاڭلىق بولۇپ، كورلىدا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقاندا زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغان، ئىلگىرى زەھەر چەككەنلىكتىن كورلا ساقچى تارماقلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن، مۇشۇ جەريانلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىنمۇ، تۇ Ⅹ ئىلگىرىكى خاتالىقلىرىنى ئۆزگەرتمەستىن يەنىلا زەھەرگە بېرىلگەن. ئېغىر دەرىجىدە زەھەرگە خۇما ر بولغان تۇ Ⅹ زەھەردىن قول ئۈزەلمىگەن، لېكىن يېنىدا پۇل بولمىغانلىقتىن، زەھەر سېتىش ۋاستىسى ئارقىلىق، خۇمارىنى قاندۇرۇشنى مەقسىتىدە ئىچكىرىدىن زەھەر سېتىۋىلىپ كورلىغا ئەكىلىپ ساتماقچى بولغان.

  سوراق قىلىش ئارقىلىق، تۇ Ⅹ ئۆزىنىڭ كورلا شەھىرىدە زەھەر ئەتكەسچىلىك قىلمىشىنى ئىقرار قىلغان. نۆۋەتتە، دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە. (مۇخبىر ليۇ چىڭشيا)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە