باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوتتۇرا ئاسىيا

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى: جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىمىز

2012.12.25 16:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى ئاتانبايىف تۈنۈگۈن: جۇڭگو قىرغىزىستاننىڭ دوست قوشنىسى، قىرغىزىستان جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ دېدى.

  ئاتانبايىف شۇ كۈنى بېشكەكتىكى پىرېزىدېنت مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو قىرغىزىستاننىڭ دوست قوشنىسى، قىرغىزىستان ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى، جەمئىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ئىزچىل ئۈمىد قىلىپ كەلدى. ئۆتكەن 20 يىلدا جۇڭگو قىرغىزىستانغا ئون مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن ئېتىبارلىق قەرز بەردى.

  ئاتانبايىف مۇنداق دېدى: مېنىڭچە قىرغىزىستان بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ھازىر ئىككى دۆلەت ئېنېرگىيە، قاتناش ساھەسىدە ھەمكارلاشتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ ياردىمىدىن بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە