باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

2011-يىلى پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىراجىتى غەملىمە سوممىسى ئون مىليارد يۈەندىن ئاشتى

2012.12.25 16:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان 2011-يىللىق مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 2011-يىلى پۈتۈن جەمئىيەتتە پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىراجىتى غەملىمە سوممىسى 10 مىليارد 530 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئىستاتىستىكا قىلىنغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئون مىليارد يۈەندىن ئاشقان.

  2011-يىلى، مەملىكەت بويىچە پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خادىمى 1 مىليون 942 مىڭ 800 بولۇپ، 2010-يىلىدىكىدىن %10.93 ئاشقان؛ پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش كىتابىدىن 57 مىليون پارچە نەشىر قىلىنىپ، مەملىكەت بويىچە كىتاب نەشىر قىلىنىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %0.74 نى ئىگىلىگەن؛ ئۆتكۈزۈلگەن پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش كۆرگەزمىسى 130 مىڭ قېتىمدىن ئاشقان، كۆرگەزمىگە قاتناشقانلار 224 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە