باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۆكتات باھاسى 10 ھەپتە ئۇدا ئۆستى

يىغىپ ھېسابلىغاندا ئۆسۈش نىسبىتى %55كە يەتتى

2013.01.08 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرلىقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ تارقىتىش بازىرىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلار تورىنىڭ ئۆلچەپ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ بىرىنچى ھەپتىسىدە، 28 خىل كۆكتات ئىچىدە 27سىنىڭ باھاسى ئۆسكەن، ھەر كىلوگىرامىنىڭ ھەپتىلىك ئوتتۇرىچە باھاسى 4.17 يۈەن ئۆسۈپ، سېلىشتۇرما ئۆسۈش نىسبىتى %4.5كە يەتكەن، شۇنىڭ بىلەن كۆكتات باھاسى 10 ھەپتە ئۇدا ئۆسۈپ، جەمئى ئۆسۈش نىسبىتى %55كە يەتكەن. ئىگىلىنىشىچە، كۆكتات باھاسى ئۆتكەن يىل ئاخىرىدا ئۆسۈشكە باشلىغان بولۇپ، 12-ئايدا نۇقتىلىق تەكشۈرۈلگەن 28 خىل كۆكتاتنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ توپ تارقىتىش باھاسى3.65 يۈەن بولغان، بۇ 11-ئايدىكىدىن %22.4، 10-ئايدىكىدىن %35.4 يۇقىرى بولغان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە