خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى خەۋىرى: 2003-يىلى 6-يانۋار، جياڭشى نەنچاڭ ئەنيى ناھىيەسىدە مۇكاپات ئۈچۈن تەييارلانغان بىر مىليۇن يۈەن نەق پۇل ئۈستەل ئۈستىگە تەقلەپ قۇيۇلغان ئىدى.
2003-يىلى 6-يانۋار، جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ ئەنيى ناھىيەسىدە ھاۋا ئىنتايىن سوغۇق ئىدى، لېكىن كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان دېھقانلارغا يىللىق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئەنيى ناھىيەسى دىڭخۇ كەنتىدىكى بىر ھويلىدا ئۆتكۈزۈلدى؛ ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر كىچىك ئۈستەل كىشىنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتاتتى، ئۈستەل ئۈستىگە بىر دۆۋە نەق پۇل يەنى 1 مىليۇن 400 مىڭ يۈەن قۇيۇلغان ئىدى. ئىسمى چاقىرىلغان دېھقانلار ئالدىغا چىقىپ، باي ئاشلىق سودىگىرى لىڭ شۈخېنىڭ قولىدىن يىللىق مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئېلىۋاتاتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، «ئاشلىق تېرىش ئەلىيۇلئەلاسى» ليۇ گاۋمېي 163 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.