باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما 9 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق جىددىي قۇتقۇزۇش پۇلىنى ئىمزالىدى

2013.01.08 10:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما 6-يانۋار قانۇن لايىھەسى ئىمزالاپ، «ساندى» ناملىق قارا قۇيۇندا ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاھالىلەر ئۈچۈن 9 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق جىددىي قۇتقۇزۇش پۇلى ئاجراتقان.

  ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى جىددىي ئەھۋالنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇ قانۇن لايىھەسى ئارقىلىق ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاھالىلەرگە سۇ ئاپىتى سۇغۇرتىسىغا تۆلەم تۆلەيدۇ.

  بىراق بۇ ئاقساراي قارا قۇيۇن ساندىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن تەلەپ قىلغان 60 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق قۇتقۇزۇش پۇلىنىڭ پەقەتلا ئاز بىر قىسمى.

  2012-يىلى ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرى، ساندى يېڭى جېرسىي شتاتىغا ھۇجۇم قىلىپ، يېڭى جېرسىي شتاتى، نيۇ يورك شتاتى ۋە شەرقىي شىمالدىكى باشقا نۇرغۇن شتاتلارغا زور زىيان سالدى، 120 كىشى قازا قىلدى، نەچچە ئون مىڭلىغان تۇرالغۇ ۋە سودا ئەسلىھەلىرى ۋەيران بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە