باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللارنىڭ بىرىكىشى سۈرىيەدىكى ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرۈۋەتتى(1)

2013.01.08 11:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرىيە پىرېزىدېنتى باشار 6-يانۋار مەملىكەتلىك سۆز قىلىپ، يېقىنقى مەزگىلدىكى دۆلەت ۋەزىيىتىنى بايان قىلىدى، ھەمدە ھازىرقى كىرىزىسنى مەملىكەتلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇندىن بۇرۇن، سۈرىيە ھۆكۈمىتى: ھۆكۈمەت بىلەن ئۆكتىچى گۇرۇھلارنىڭ ھېچقايىسىسى ھەل قىلغۇچ غەلبىگە ئېرىشەلمەيدۇ، تارىخىي ھەل قىلىش لايىھەسى ئارقىلىق توقۇنۇشنى تۈگىتىش كېرەك، دېگەن ئىدى. لېكىن، ئۆكتىچى گۇرۇھنىڭ رەھبىرى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دوستانىلىقىنى قوبۇل قىلماي، سۆھبەتلىشىش تەكلىپىنى رەت قىلدى، ھەمدە باشارنىڭ تەختتىن چۈشىشىدە چىڭ تۇردى. بۇ مەسىلىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنىىڭ يولىنى يەنە بىر قېتىم توسىغانلىق بىلەن باراۋەر.

  يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا بىلەن غەرىب ئەللىرىنىڭ سۈرىيەگە ھەربىي ئىشلار بويىچە ئارىلىشىدىغان سىياسىي خاھىشىمۇ، ئىقىتىسادىي كۈچىمۇ يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۈرىيەگە قورال ئىشلىتىش لايىھەسىنى بىر نەچچە قېتىم رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا بىلەن غەرىب ئەللىرى قوراللىق ئارىلىشىدىغان قانۇنىي ئاساستىن مەھرۇم قالدى. ئامېرىكا بۇندىن بۇرۇن باشار ھۆكۈمىتى خىمىيەلىك قورال ئىشلەتسە، سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ؛ يەنە تۈرىيە-سۈرىيە چېگرا رايونىدا ۋەتەنپەرۋەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدا يالغانچىلىق ئەمەلىيەتتىن كۆپرەك، پەقەت باشارغا بېسىم ئىشلىتىشكە ئۇرۇندى خالاس. يۇقارقى ئۇسۇللارنى قوللانغان بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا ئۆكتىچى گۇرۇھنى قورال بىلەن تەمىنلىمەيدىغانلىقىنى، سۈرىيەگە ھەربىي ھەرىكەت قوللانمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى. ئامېرىكىنىڭ مەقسىتى ئېنىقكى، ئۇ بولسىمۇ بۇ پاتقاققا پېتىپ قېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە