باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالتە تارماق بىرلىكتە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ «ئىش ھەققىنى نىسىي قالدۇرۇش» مەسلىسىنى تەكشۈرىدۇ

2013.01.11 14:16        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۈ بونىڭ 10-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، يېقىندا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىش ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش خىزمىتى ھالقىلىق باسقۇچقا قەدەم قويغان، ئالتە تارماق ئالاقىدار ئۆلكە-شەھەرلەرگەھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلەشكە بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىدىكەن.

  دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئىشلەتكەن ئورۇنلاردىن ئىش ھەققىنى سەۋەبسىز نېسى قالدۇرغان، نېسى سوممىسى كۆپ، ۋاقتى ئۇزۇن، خاراكتېرى ئېغىر بولغانلىرىقانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغاندىن سىرت يەنە جەمئىيەتكە ئاشكارىلىنىدىكەن. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنى جازالاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش يۈزىسىدىن، يامان غەرەزدە نېسى قالدۇرغان، قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا قانۇن بويىچە ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىش، سالاھىيىتىنى تۆۋەنلىتىش ياكى بىكار قىلىش، ھەتتا تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىش جازاسى بېرىلىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە