باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ سەۋىيە ئىمتىھانى 10–يانۋار باشلىنىدۇ

2013.01.10 14:06         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 4–يانۋار ئېچىلغان ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ سەۋىيە ئىمتىھانى خىزمىتى يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ بۇ يىللىق سەۋىيە ئىمتىھانى 10–يانۋاردىن 13–يانۋارغىچە ئېلىنىدىكەن، ئىمتىھانغا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچى 170 مىڭ 827 بولۇپ، تۆت خىل تىلدىكى ئىمتىھان بىرلا ۋاقىتتا باشلىنىدىكەن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى قەيسەر شابانباي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۆتكەن يىلى تۇنجى قېتىم ئۇچۇر تېخنىكىسى پېنىدىن قەغەزسىز ئىمتىھان ئېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە 199 تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بۇ ئىمتىھانغا قاتناشتى، ئىمتىھان ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە، قىرغىزچە تۆت خىل يېزىقتا ئېلىنىپ، ئىمتىھان شەكلىدە سۈپەت خاراكتېرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىندى.

  بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سەۋىيە ئىمتىھانى سوئالى چىقىرىش ئەندىزىسىنى ياخشىلاپ، سەۋىيە ئىمتىھانى سوئالى ئامبىرى قۇرۇپ، سەۋىيە ئىمتىھانى ئېلىنىدىغان ھەرقايسى پەنلەرنىڭ سوئال ماتېرىيالىنى تەدرىجىي كۆپەيتىش ۋە ياخشىلاش، ئىمتىھان سوئالى چىقىرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى تاللاش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، مەركەزلەشتۈرۈپ يېپىق سوئال چىقىرىش بىلەن ئادەتتە سوئال توپلاشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىمتىھان سوئالى چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىمتىھان سوئالى چىقىرىش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، سەۋىيە ئىمتىھانى سوئالى چىقىرىش خىزمىتىنىڭ مۇنتىزىملىشىشى ۋە ئىلمىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پىلانلىدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ يىل تەجرىبە پەنلەرنى تەكشۈرۈشنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈش، فىزىكا، خىمىيە، بىيولوگىيە ۋە ئاممىباب تېخنىكا دەرسلىرىنىڭ تەجرىبە مەشغۇلاتىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسىنى يېتىلدۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە