1-ئاينىڭ 8-كۈنى، كۇنمىڭ مېتروسى تۇنجى قەرەللىك قۇرۇلۇشىنىڭ جەنۇبىي بۆلىكىدە يولۇچىسىز يۈرۈش سىنىقى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، پويىز يۈرۈش قىلىپ دوۋنەن بېكىتىگە تەخمىنەن 500 مېتىرچە ئارىلىق قالغاندا رېلىستىن چىقىپ كېتىپ، كابىنكىنىڭ ئىللىق شامال چىقىرىش قۇرۇلمىسى چۈشۈپ كېتىپ كابىنكىدا دىجورنى قىلىۋاتقان شوپۇردىن بىرى ئۆلگەن، بىرى يېنىك يارىلانغان ۋەقە يۈز بەردى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى ماقالىسى)
مەنبە: خەلق تورى