- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسى يېڭى قوبۇل قىلىنغان مەمۇرلار 90 پىرسەنتىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ دۆلەت مەمۇرلىرى ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى
2013.01.09 14:44 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-يانۋار بەرگەن خەۋىرى: «مەركەز ئورگانلىرى يېڭى قوبۇل قىلغان مەمۇرلارنىڭ 60 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى ئادەتتىكى ئائىلىلەردىن كېلىپ چىققان» دېگەن سۆزگە، دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسىنىڭ مەسئۇل خادىمى بۈگۈن مۇنداق جاۋاب بەردى: يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان يېڭىدىن ئىشقا قوبۇل قىلىنغان ئادەتتىكى ئائىلىلەردىن كېلىپ چىققان مەمۇرلار سانى 90 پىرسەنت ئەتىراپىغا يەتتى. دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھانغا تىزىملاتقان ۋاقىتتا تولدۇرغان ئاتا-ئانىسىنىڭ كەسىپ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈش ئەھۋالىنى ئىشچى، دېھقان، مەمۇر، ئوقۇتقۇچى، دوختۇر، ئىنژېنېر، يەككە ۋە ئەركىن كەسىپتىكىلەر، پېنسىيەگە چىققانلار، ئىشسىز قاتارلىقلارغا ئايرىغان، بۇنىڭ ئىچىدە، ئاتا-ئانىسىنىڭ بىرى مەمۇر بولسىلا، مەمۇر تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە