باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ۋېنسۇئېلا ھۆكۈمەت تەرەپ چاۋسنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتنىشيالمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

2013.01.09 15:45         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئامما پايتەخت مەيدانىغا يىغىلىپ ، زۇڭتۇڭ چاۋس ئۈچۈن دۇئا -تىلاۋەت قىلماقتا
  ۋېنسۇئېلا ھۆكۈمىتىنىڭ 8–يانۋار ئىسپاتلىشىچە ، زۇڭتۇڭ چاۋس كېسەل سەۋەبىدىن 10–يانۋاردىكى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتنىشالمايدىغان بولۇپ ، كېيىن بىر كۈننى تاللاپ قەسەم بېرىدىكەن .

  مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ مادۇرو : چاۋسنىڭ مەسئۇل دوختۇرلىرى ، ئۇنىڭ ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى ئەسلىگە كېلىش ۋاقتى 10-يانۋاردىن كېيىن بولۇشى مۇمكىن دېگەن ، شۇڭا زۇڭتۇڭ چاۋس 10-يانۋاردىكى قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۋېلىش مۇراسىمىغا قاتنىشالمايدۇ ، دېدى . چاۋس ئاساسىي قانۇننىڭ 231–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن پارلامېنتتىن قەسەم بېرىپ ۋەزىپەگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىنى كەينىگە سۈرۈشنى تەلەپ قىلغان .

  كۇبادا داۋالىنىۋاتقان ۋېنسۇئېلا زۇڭتۇڭى چاۋسنىڭ ئۆپكىسى ئېغىر يۇقۇملىنىپ نەپەسلىنىشى قىيىنلاشقان ، ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئېغىرلاپ كېتىشى ۋېنسۇئېلانىڭ دۆلەت ئىچىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ئېنىقسىز ئەھۋالدا تۇرماقتا .

  چاۋس 2012–يىلى 10-ئايدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلبە قىلىپ داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىگەن. ۋېنسۇئېلا ئاساسىي قانۇنىنىڭ 231–ماددىسىدىكى بەلگىمىگە ئاساسەن سايلانغان زۇڭتۇڭ 10–يانۋار پارلامېنتقا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۋالىدىكەن ، لېكىن ئەگەر زۇڭتۇڭ پارلامېنت يىغىنىدا قەسەم بېرىشكە قاتنىشالمىسا، ئالىي سوت مەھكىمىسىگە قەسەم بەرسىمۇ بولىدىكەن . ئاساسىي قانۇندا ئالىي سوت مەھكىمىسىگە قەسەم بېرىشنىڭ ۋاقىت چەكلىمىسى يوق ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە