باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشىنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى

2013.01.09 08:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خوڭ لېي تۈنۈگۈن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئالاقىدار دۆلەتلەرنى جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى مۇرەككەپلەشتۈرىۋېتىدىغان، كېڭەيتىۋېتىدىغان ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى.

  مۇخبىر: خەۋەر قىلىنىشىچە، فىلىپپىن ئەمەلدارى فىلىپپىن كونترول قىلىۋاتقان جەنۇبىي دېڭىزدىكى جۇڭگو بىلەن فىلىپپىن تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان ئارالدا ئاساسىي ئەسلىھە ياسايدىغانلىقىنى ئېيتقان، جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، خۇڭ لېي مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئالاقىدار خەۋەرلەرگە دىققەت قىلىدۇ، ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، جۇڭگو نەنشا تاقىم ئارىلى ھەمدە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېقىن دېڭىز ساھىلىگە مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە، جۇڭگو جۇڭگونىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق قىلمىشلارغا قارشى تۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە