باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئۆزىگە تارتىش، زەربە بېرىش، بېسىم ئىشلىتىش ۋاسىتىسىنى تەڭ ئىشقا سېلىۋاتىدۇ

2013.01.09 08:55         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2012–يىلى، ئامېرىكا چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، ئۆز مەنپەئەتىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، ئوخشىمىغان ئوبيېكتلارغا ئۆزىگە تارتىش، زەربە بېرىش، بېسىم ئىشلىتىش ۋاسىتىسىنى تەڭ ئىشقا سالدى. بۇ يىل، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ئىككى يۈزلىمىلىك ئالاھىدىلىك داۋاملىق گەۋدىلەندى. بىر جەھەتتىن، ئامېرىكا جۇڭگونىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە نىسبەتەن تەسىرى زور دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. جۇڭگونىڭ قوللىشى ۋە ماسلىشىشى بولمىسا، مەيلى ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ئىقتىسادى بولسۇن ياكى دۇنيا خاراكتېرلىك مەسىلىلەر بولسۇن ھەممىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، ئامېرىكا ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەرقايسى جەھەتلەردە جۇڭگو بىلەن كېلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. يەنە بىر جەھەتتىن، ئامېرىكا جۇڭگونىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، قۇدرەت تېپىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئوربېتىسىدىن چەتنەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، جۇڭگو خەلقئارا قائىدە–پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىشى كېرەك، دېگەننى باھانە قىلىپ، بىر يۈرۈش نازۇك مەسىلىلەردە جۇڭگوغا بىر نەچچە قېتىم بېسىم ئىشلەتتى.

  ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتىدە، ئۆزىگە تارتىش ئاساسلىق ئالاھىدىلىك بولدى. ئامېرىكا دۇنيا ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تەڭشەۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان مۇناسىۋەت 2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك تەڭشەشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ. ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋەت ئامېرىكىغا قارىتا ‹‹ئۇزاق مۇددەتلىك مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە››، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا تۈرلۈك دۇنيا خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرغاندا يەنىلا زىچ ھەمكارلىشىدۇ. غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا رايونىدا، بولۇپمۇ سۇرىيە ۋەزىيىتى، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى ۋە ئىران يادرو مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ مۇناسىۋىتى ھەقىقەتەن بەك يېقىن بولدى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان يۈزلىنىش شۇكى، تۈركىيەنىڭ سۇرىيە قاتارلىق قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەردە جۇغراپىيەلىك سىياسىنىڭ مەركىزىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئامېرىكا تۈركىيەنى ئۆزىگە تارتىش سالمىقىنى ئادەتتىن تاشقىرى ئاشۇردى.

  ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ‹‹ئالاھىدە بولۇش››تىن ‹‹نورماللىشىش››قا يۈزلىنىشىگە ۋە ياۋروپا قەرز كىرىزىسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتى بىردە يېقىنلىشىپ، بىردە يىراقلاشتى، ئىختىلاپلارمۇ داۋاملىق گەۋدىلەندى. ئىراق، ئافغانىستاندىن ئىبارەت ئىككى مەيدان ئۇرۇشنىڭ كۆلەڭگىسى تېخى يوقىمىغاچقا، ئامېرىكا چەت ئەللەردىكى ھەربىي توقۇنۇشقا كەڭ–كۆلەمدە ئارىلىشىپ قېلىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالدى. شۇڭا، ئامېرىكا ياۋروپانىڭ تېخىمۇ كۆپ خەۋپسىزلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى ھەم ش ئا ئە ت نىڭ مۇداپىئە بايلىقى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ۋە رەتكە سېلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ياۋروپا قەرز كىرىزىسىنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىدە، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ سىياسىي خاھىشى ئوخشاش بولمىدى. ئوباما ھۆكۈمىتى ياۋروپانىڭ كىرىزىس ئالدىدىكى لىڭتاسمىلىقىغا تەنقىد قىلىش ۋە بېسىم ئىشلىتىش پوزىتسىيەسىدە بولۇپ كەلدى. زەربە بېرىش، بېسىم ئىشلىتىش ئامېرىكىنىڭ بۇ يىل رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى بولدى. ئوباما 1–نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى باشلانغاندا، ئامېرىكا– رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى ‹‹قايتىدىن باشلايمەن›› دەپ داۋراڭ سالغان بولسىمۇ، لېكىن ياخشى كۈنلەر ئۇزاققا بارمىدى. 2012–يىلى، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە سۇرىيە ۋەزىيىتى، ئىران يادرو مەسىلىسى، ياۋروپانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش سىستېمىسى قاتارلىق مەسىلىلەردە كەسكىن ئېلىشتى. رۇسىيە ئومۇمىي سايلىمى مەزگىلىدە، ئامېرىكا ھە دېسىلا ھەرىكەت قوللىنىپ، ھۆكۈمەت قارىمىقىدا بولمىغان بىر قانچە تەشكىلاتقا مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بېرىپ، ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتى قوزغاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلدى، ھەتتا پۇتىنغا قارشى ئاشكارا مۇقام توۋلاپ، رۇسىيە ئومۇمىي سايلىمىغا ئوچۇق–ئاشكارا قول تىقتى.

  ئامېرىكا رۇسىيەگە بېسىم ئىشلىتىش بىلەن بىللە، يەنە ئىمكانىيەت بوشلۇقىمۇ قالدۇردى. ئامېرىكا ئومۇمىي سايلىمى مەزگىلىدە، جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى رومنېي رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ ‹‹1–نومۇرلۇق جۇغراپىيەلىك سىياسىي دۈشمىنى›› دېگەندە، ئوباما ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە رەددىيە بەرگەن. پۇتىن رومنىي بىلەن ئوبامادىن ئىككىسىدىن بىرىنى تاللىغاندا روشەنكى ئوبامانى تاللىدى. ئوباما زۇڭتۇڭلۇققا يەنە سايلانغاندىن كېيىن، پۇتىن بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشكەندە ئۇنىڭغا ياخشى نىيىتىنى ئىپادىلىدى، ئۇ رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغاندىن باشقا يەنە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشۇلدى. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ‹‹قايتىدىن باشلىشى›› مەڭگۈلۈك ئەمەس، چۈنكى، ‹‹تەرتىپ ئۈنۈمىنى يوقاتتى››، ‹‹بارلىق تەرتىپنى قايتىدىن يېڭىلاشقا توغرا كېلىدۇ››، دەپ قارىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە