باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

باشقا جايدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىش ھەققىدە چۈشەنچە

2013.01.10 17:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە 29 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ۋاقىت جەدۋىلىگە بىنائەن باشقا جايدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىش لايىھەسىنى ئېلان قىلىپ بولدى. كىشىلەر بەزى جايلارنىڭ لايىھەسىدە ئىجازەت ئۆلچىمى بەك يۇقىرى بولغان دەپ سوئال قويدى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى، باشقا جايدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىش لايىھەسىگە شەھەر تەرەققىياتىنىڭ يىراق كەلگۈسىنى چىقىش قىلپ تۇرۇپ باھا بېرىش لازىم، مائارىپ ئادىللىقىنى ھەل قىلىشتا، ئۈمىدنى تامامەن باشقا جايدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىش لايىھەسىگىلا باغلاشقا بولمايدۇ، يەنە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى ئىسلاھ قىلىشقىمۇ توغرا كېلىدۇ.

  باشقا جايدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىش توغرىسىدىكى بۇ 29 لايىھەدە، جايلار ئادەتتە ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكى، مەزكۇر ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى ئوقۇش ۋاقتى، قانۇنلۇق مۇقىم تۇرالغۇسى، ئاتا-ئانىسىنىڭ قانۇنلۇق تۇراقلىق خىزمىتى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىسپاتى قاتارلىق جەھەتلەردە شەرت چەكلىمىسى قويۇلغان. لېكىن، جايلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ئوخشىمىغاچقا، جايلار لايىھەسىدىكى كونكرېت چەكلەش شەرتلىرىدە پەرق بىر قەدەر چوڭ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە