باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۆپ قىسىم جايلار شوپۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئاشقانلىقنى باھانە قىلىپ ئوقۇش پۇلىنى ئۆستۈرگەن، ئەڭ يوقىرىسى ئون مىڭ يۈەندىن ئاشتى

2013.01.10 17:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى يىل كىرگەندىن كېيىن، «تارىختىكى ئەڭ قاتتىق» دەپ نام ئالغان يېڭى قاتناش قائىدىسى يولغا قويۇلدى، شوپۇرلۇق ئىمتىھانىمۇ «زور ئۆزگىرىش»كە باشلىدى. يېڭى شوپۇرلۇق ئىمتىھانىدا ھەممىدىن ئاۋۋال كۈتۈۋالغىنىمىز شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشى ئەمەس، بەلكى ئوقۇش پۇلىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆسۈشى بولدى، ئۆسۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %50تىن ئاشتى. شاڭخەيدە يېڭى پىراۋا ئىمتىھانى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، كىچىك ئاپتوموبىل پىراۋىسىنىڭ ئوقۇش ھەققى 7000 يۈەندىن ئاشتى، بېيجىڭدا بولسا ئومۇميۈزلۈك 5000 يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلدىن ھالقىدى.

  يېڭى شوپۇرلۇق ئىمتىھانى يولغا قويۇلغان دەسلەپكى كۈنلەردە ئۆتۈش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بۇلۇشتەك بۇ رېياللىق ئالدىدا، نۇرغۇن جايلاردىكى شوپۇرلۇق مەكتەپلىرى ئوقۇتۇش سەۋىيەسى ئوقۇش ھەققىنىڭ ئېشىشىغا يېتىشەلمەسلىكتەك ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە