باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەپتىش بۆلۈمىنىڭ دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى تۇنجى قېتىم تېلېۋىزىيەدە بىۋاسىتە كۆرسىتىلدى

2013.01.10 17:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1-ئاينىڭ 9-كۈنى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقى 2012-يىللىق مەملىكەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىشلىك ئورگانلىرىنىڭ دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، باش كاتىپى، ئاخبارات باياناتچىسى سۈي شاۋپېڭ بىلەن مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، قوشۇمچە ئاخبارات باياناتچىسى خۇاڭ شياۋۋېي 2012-يىللىق ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى مەلۇم قىلدى.

  160 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمگە پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈ چۈن چارە كۆرۈلدى، 30 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمگە خىيانەتچىلىك-پارىخورلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن چارە كۆرۈلدى. بو شىلەي، ليۇ جېجۈن، خۇاڭ شېڭ قاتارلىق كىشىلەرگە چېتىلغان بىر تۈركۈم چوڭ دېلولار ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  1-ئاينىڭ 9-كۈنى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقى تۇنجى قېتىم تېلېۋىزىيەدە بىۋاسىتە كۆرسىتىش شەكلى ئارقىلىق 2012-يىللىق دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمەت ئەھۋالىنى مەلۇم قىلغاندا جەمئىيەتنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە