باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر پەن–تېخنىكا نازارىتى يېڭى قائىدە چىقاردى

2013.01.10 14:07         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن–تېخنىكا نازارىتى يېقىندا «يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاساسىي قاتلام پەن–تېخنىكا خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پەن–تېخنىكا ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ھەمدەم بولۇش قاتارلىق يەتتە ساھەدە نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىدۇ ھەم پەن–تېخنىكا تۈرلىرىنى ئىلتىماس قىلىشتا ئاساسىي قاتلامغا مايىللىشىشتەك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام پەن–تېخنىكا خىزمىتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغىتىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، يېزا ئىگىلىكى جەھەتتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پەن–تېخنىكا خاس خادىملىرىنى يەرلىكنىڭ ئەۋزەل، خاس كەسىپلىرىنى دەۋر قىلىپ ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەپ، بىر تۈركۈم خاس خادىملار ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئىلغار پەن–تېخنىكا نەتىجىلىرىنى مەركەزلىك قوللىنىپ، پەن–تېخنىكا خادىملىرىنى كارخانا، كەسپىي جەمئىيەتلەر، كەسپىي ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە باشقا تەرەققىي قىلمىغان رايونلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پەن–تېخنىكىغا تايىنىپ خەلقنى بېيىتىش، ناھىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، يېزا ئىگىلىك پەن–تېخنىكىسى رايونى ۋە باشقا كەسپىي رايونلار قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، شارائىتى پىشىپ يېتىلگەن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك سانائەت رايونى قۇرۇشنى قوللايدىكەن، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك سانائەت رايونىنى دۆلەت دەرىجىلىك سانائەت رايونىغا ئىلتىماس قىلىشقا تەۋسىيە قىلىدىكەن.

  «پىكىر» دە يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىسى يوق ۋىلايەتلەرنى تەدرىجىي تۈگىتىش ؛ تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پەن–تېخنىكا تۈرىنى ئىلتىماس قىلىشىنى قوللاش؛ ئىلغار ئاساسىي قاتلام ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركەزلىرىنى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار جامائەت تېخنىكا مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ياردەم مەبلىغى ئارقىلىق قوللاش كېرەك.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن–تېخنىكا نازارىتى ۋەزىپىلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، يەتتە تۈرلۈك كاپالەت تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى: مەسئۇل رەھبەرلەر ساھەلەر بويىچە 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ پەن–تېخنىكا ساھەسى بىلەن ئالاقە باغلاپ، ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قەرەللىك تەشكىللەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ پەن–تېخنىكا ئېھتىياجىنى ئىگىلەيدۇ؛ نازارەت–ۋىلايەت مەسلىھەتلىشىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم پەن–تېخنىكا مەسىلىلىرى ئورتاق ھەل قىلىنىدۇ؛ شىنجاڭنى پەن–تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ئوتتۇرا–كىچىك كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش فوندى، نەتىجىنى ئايلاندۇرۇش، «ئۇچقۇن پىلانى»، «مەشئەل پىلانى» قاتارلىق تۈرلەردە ئاساسىي قاتلام پەن–تېخنىكا تۈرلىرىنى قوللاشقا مايىللىشىدۇ؛ ئاساسىي قاتلامدىكى پەن– تېخنىكا نەتىجىلىرىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن–تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىشقا پائال مەدەت بېرىدۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ پەن–تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتىدا ئاساسىي قاتلام تۈرى باھالاش گورۇپپىسى تەسىس قىلىنىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇكاپاتلىنىش نىسبىتى ئاشۇرۇلىدۇ؛ ئاساسىي قاتلامنىڭ خەلقئارا پەن–تېخنىكا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ؛ جايلاردا ئاساسىي رەھبەر پەن–تېخنىكىنى تۇتىدىغان خىزمەت تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ؛ پەن–تېخنىكا مەبلىغى ياخشى باشقۇرۇلۇپ ۋە ياخشى ئىشلىتىلىپ، پەن–تېخنىكا سېلىنمىسىنىڭ ئۈنۈمى ئاشۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە