ئاياللارغا قارىتىلغان گۈڭگۈرت كىسلاتا (سۇلفۇرىك كىسلاتا) ھۇجۇمى دېلولىرىنىڭ سانى ئاشقاندىن كېيىن، بېنگال دۆلىتى گۈڭگۈرت كىسلاتانىڭ سېتىلىشىغا بولغان باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلەشنى كۈچەيتتى. ئىگىلىنىشىچە، بېنگالدا گۈڭگۈرت كىسلاتا سودىسى قىلىدىغان بارلىق سودىگەرلەر چوقۇم ئۆزىنى رويخەتكە ئالدۇرىدىكەن، شۇنداقلا كۈچلۈك چىرىتىشچانلىققا ئىگە بۇ ماددىنى سېتىۋالغانلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق سېتىش خاتىرىسىنى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرىدىكەن. بىراق بەزىلەر بۇنى يەنىلا قاتتىق ئىجرا قىلمايۋېتىپتۇ.
ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بېنگالنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەر يىلى ئاز دېگەندىمۇ نەچچە ئون ئايال باشقىلارنىڭ گۈڭگۈرت كىسلاتا ھۇجۇمىغا ئۇچرايدىكەن. ھۇجۇمغا ئۇچراشنىڭ سەۋەبى كۆپىنچە ئەر تەرەپنىڭ توي تەكلىپى ياكى جىنسىي تەلىپى رەت قىلىنغانلىقى ئىكەن؛ يەنە بەزى ئەرلەر قىز تەرەپنىڭ تويلۇقىنىڭ ئازلىقىدىن ئاغرىنىپ بۇ خىل ئۇسۇلدا ئۆچ ئالىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، گۈڭگۈرت كىسلاتا ھۇجۇمىغا ئەرلەر ۋە بالىلارمۇ ئۇچرايدىكەن. ئائىلە زوراۋانلىقى، ئىقتىسادىي مەسىلە، گەپ بىر يەردىن چىقماسلىق، جەمەت ماجىراسى قاتارلىقلار گۈڭگۈرت كىسلاتا ھۇجۇمى دېلولىرىنىڭ پىلتىسى ئىكەن.