باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا ‹‹تۇغۇت مۇلازىمىتى گۇۋاھنامىسى››نى بېجىرىش تەرتىپى ئاددىيلاشتۇرۇلدى

2013.01.10 14:54         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۆچمە ئاھالە تۇنجى پەرزەنتىنىڭ گۇۋاھنامىسىنى تۇرۇشلۇق جايدا بېجىرسە بولىدۇ

  تۇنجى پەرزەنتنىڭ ‹‹تۇغۇت مۇلازىمىتى گۇۋاھنامىسى››نى تۇرۇشلۇق جايدا بېجىرسە بولىدۇ

  دۆلەت نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يېقىندا ‹‹ئاممىنىڭ گۇۋاھنامە بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نى تارقاتتى. ئاپتونوم رايونلۇق نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ‹‹ئۇقتۇرۇش››نىڭ روھىغا ئاساسەن، جايلاردىن گۇۋاھنامە بېجىرىش شەرتى ۋە تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، گۇۋاھنامە بېجىرىشتە زۆرۈر بولمىغان ماتېرىياللار ۋە تەرتىپلەرنى قىسقارتىشنى تەلەپ قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ ماۋلىن يېقىندا ئوقۇرمەنلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى.

  مېھمان: ئاپتونوم رايونلۇق نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ ماۋلىن

  رىياسەتچى: مۇخبىرىمىز لى يۆ 

  رىياسەتچى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆچمە ئاھالە ‹‹تۇغۇت مۇلازىمىتى گۇۋاھنامىسى››نى قانداق بېجىرىدۇ؟

  مېھمان: ئاپتونوم رايونىمىز ئاممىغا قولايلىق يارىتىش ۋە ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ <تۇغۇت مۇلازىمىتى گۇۋاھنامىسى>نى تارقىتىش ۋە باشقۇرۇش چارىسى(سىناق نۇسخىسى)››نى قايتىدىن تۈزۈپ، شىنجاڭ نوپۇسىدىكى ئەر – خوتۇن(كۆچمە ئاھالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ تۇنجى پەرزەنتىنىڭ ‹‹تۇغۇت مۇلازىمىتى گۇۋاھنامىسى››نى تۇرۇشلۇق جايدا بېجىرسە بولىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، باشقا ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)دىن كېلىپ شىنجاڭدىكى مەمۇرىي رايونلاردا بىر يىلدىن ئارتۇق تۇرغان كۆچمە ئاھالىنىڭمۇ تۇنجى پەرزەنتىنىڭ ‹‹تۇغۇت مۇلازىمىتى گۇۋاھنامىسى››نى ئاپتونوم رايونىمىزدا بېجىرسە بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بەلگىلىدى. جايلارنىڭ كونكرېت تۇغۇت سىياسىتىدە بەلگىلىك پەرق بولغانلىقتىن، ئىككىنچى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تۇغقان پەرزەنتىنىڭ ‹‹تۇغۇت مۇلازىمىتى گۇۋاھنامىسى›› نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدا بېجىرىلىدۇ.

  ‹‹تۇغۇت مۇلازىمىتى گۇۋاھنامىسى››گە ئىلتىماس قىلغاندا قانداق ئىسپاتلارنى ھازىرلاش كېرەك؟

  رىياسەتچى: ‹‹تۇغۇت مۇلازىمىتى گۇۋاھنامىسى››گە ئىلتىماس قىلغاندا قانداق ئىسپاتلارنى ھازىرلاش كېرەك؟

  مېھمان: ئەر – خوتۇن ‹‹تۇغۇت مۇلازىمىتى گۇۋاھنامىسى››گە ئىلتىماس قىلغاندا، ئەر – خوتۇننىڭ نوپۇس ئىسپاتى، توي خېتى، كىملىكى، ئەر – خوتۇن بىرگە چۈشكەن ئىككى سۇڭلۇق سۈرەتتىن ئىككى پارچە تەييارلىشى؛ كۆچمە ئاھالە يەنە نوپۇس تەۋەلىكى ياكى ھازىر تۇرۇشلۇق جايدىكى يېزا(بازار)لىق خەلق ھۆكۈمىتى ياكى كوچا ئىش باشقارمىسىدىن ئالغان توي خېتى ۋە تۇغۇت ئىسپاتىنى تەييارلىشى؛ قايتا نىكاھلانغان ئەر – خوتۇنلار ئاجرىشىش كېلىشىمنامىسى ياكى ئاجرىشىش ھەق تەلەپ ھۆكۈمنامىسىنى ھازىرلىشى؛ ئاپتونوم رايونىمىز نوپۇسىدىكى ئاھالە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك ۋە چەت ئەللىك پۇقرالار قانۇنلۇق نىكاھلىنىپ پەرزەنتلىك بولغان بولسا، كۈچكە ئىگە نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسىنى تەييارلىشى كېرەك.

  ئالاھىدە ئەھۋالدا ‹‹ۋەدىنامە›› يازسا بولىدۇ

  رىياسەتچى: ئاممىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، يۇرتىدىن ئايرىلغىنىغا ئۇزاق بولغانلارنىڭ نوپۇسى قاراشلىق جايدىن نىكاھلىنىش، پەرزەنتلىك بولۇش ئىسپاتى ئېلىشى قىيىن ئىكەن، بۇ ئىسپات بولمىسىمۇ ‹‹تۇغۇت مۇلازىمىتى گۇۋاھنامىسى››

  بېجىرسە بولامدۇ؟

  مېھمان: ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا، كۆپ قىسىم كۆچمە ئاھالىنىڭ تۈرلۈك سەۋەب تۈپەيلىدىن نىكاھلىنىش، پەرزەنتلىك بولۇش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلىيەلمىگەنلىكىنى بايقىدۇق. ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <تۇغۇت مۇلازىمىتى گۇۋاھنامىسى>نى تارقىتىش ۋە باشقۇرۇش چارىسى (سىناق نۇسخىسى)››دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئاپتونوم رايونىمىز نوپۇسىدىكى نىكاھلىنىش، پەرزەنتلىك بولۇش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلىيەلمەيدىغان كۆچمە ئاھالىگە ھازىر تۇرۇشلۇق جاي ياكى نوپۇسى قاراشلىق جايدىكى يېزا(بازار، كوچا)لىق پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسى قانۇنسىز پەرزەنتلىك بولمىغانلىقى ھەققىدە يازما ئىسپات چىقىرىپ بەرگەندىن كېيىن، ھازىر تۇرۇشلۇق جاي ياكى نوپۇسى قاراشلىق جايدىكى كەنت ئاھالە كومىتېتى ياكى قاراشلىق ئورۇنغا ‹‹تۇغۇت مۇلازىمىتى گۇۋاھنامىسى›› ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدا مەملىكەت بويىچە تۇنجى بولۇپ ئالاقىدارلارنىڭ ۋەدىسىگە ئاساسەن گۇۋاھنامە بېجىرىش ئۇسۇلى يولغا قويۇلدى. ئالاقىدارلار ئۇزاق مەزگىل ياكى كۆپ قېتىم، كۆپ جايدا كۆچۈپ يۈرۈش سەۋەبىدىن نىكاھلىنىش، پەرزەنتلىك بولۇش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلىيەلمىسە، بېجىرگۈچى ئورۇن شۇ كىشى تەمىنلىگەن ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈپ، ھەقىقەتەن ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلىقىنى دەلىللىگەندىن كېيىن، ئالاقىدارلاردىن يازما ۋەدە ئېلىپ، يازما ۋەدىگە ئاساسەن ‹‹تۇنجى پەرزەنت گۇۋاھنامىسى››نى بېجىرسە بولىدۇ.

  تۇنجى كۈتۈۋالغۇچى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ

  رىياسەتچى: ئاممىنىڭ گۇۋاھنامە بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز قانداق بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويدى؟

  مېھمان: تۇنجى كۈتۈۋالغۇچى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ. ئاممىنى تۇنجى قېتىم كۈتۈۋالغۇچى ئاممىنىڭ تەلىپى ۋە ئاساسىي ئەھۋالىنى ئەستايىدىل ۋە تەپسىلىي ئىگىلەپ، ئامما تەمىنلەشكە تېگىشلىك ماتېرىياللار ۋە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك تەرتىپلەرنى بىر قېتىمدىلا ئېنىق چۈشەندۈرۈشى ھەم بېجىرىش ۋاقتىنى ئۇقتۇرۇشى، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتماسلىقى ۋە ئىشنى كېچىكتۈرمەسلىكى كېرەك.

  ئاممىنىڭ ‹‹تۇغۇت مۇلازىمىتى گۇۋاھنامىسى›› ۋە باشقا پىلانلىق تۇغۇت گۇۋاھنامىلىرىنى بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قىسمەن ناھىيە(شەھەر، رايون)لەرنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتلىرى توردا گۇۋاھنامە بېجىرىش سىستېمىسىنى ئېچىپ، مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاممىنىڭ گۇۋاھنامە بېجىرىشىگە قولايلىق باشقا تەدبىرلەرنى قوللاندى، مەسىلەن: ئالاقىدار گۇۋاھنامىنى ئۆزى بېجىرىشى مۇمكىن بولمىغانلار، باشقىلارنىڭ ۋاكالىتەن بېجىرىشىگە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ؛ ئەر – خوتۇنلار پەرزەنتلىك بولۇشنى ئىلتىماس قىلغان ھەم ئالاقىدار ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەندىن كېيىن، كەنت پىلانلىق تۇغۇت كادىرى رەسمىيەتنى ۋاكالىتەن بېجىرسە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە