باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2013-يىللىق مائارىپ خىزمىتى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى رامكىسىنى تۇرغۇزۇش، خىراجەتنى ئوبدان ئىشلىتىش، ياخشى باشقۇرۇش مۇھىم نۇقتا قىلىنىدۇ

2013.01.10 17:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  9-يانۋار، 2013-يىللىق مەملىكەتلىك مائارىپ خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا مائارىپ ساھەسىنىڭ كەلگۈسى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى رەتكە تىزىلدى ۋە قاراپ چىقىلدى، يېزا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ شىتاتىغا مايىللىشىپ، يېزا مائارىپىنى كۈچەيتىش، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مالىيە ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىراجەتنىڭ «ئوچۇق-ئاشكارا» ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئىسلاھاتقا دائىر تاشقى بېسىم ھاسىل قىلىش قاتارلىق تەسەۋۋۇرلار بۇندىن كېيىن تەدرىجىي ئالغا سىلجىتىلىدىغان بولدى.

  ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى جەھەتتە، بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇمىي نىشانى ۋە ئاساسىي رامكىسى مۇھاكىمە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. جايلار شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقانلارنىڭ بىللە كەلگەن پەرزەنتلىرىنى تۇرغان جايىدا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىغا قاتناشتۇرۇش چارىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ، ئادەتتىكى تۇلۇق كۇرس ۋە ئالىي كەسپىي تېخنىكا مائارىپى تۈرى بويىچە ئىمتىھان ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش سەۋىيەسى ئىمتىھانى ۋە ئۇنىۋېرسال ساپا باھالاش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش، ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى بويىچە ئۇنىۋېرسال باھالاش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە