باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيە مىنىستىرلىقى: مەركەز كارخانىلىرىدىن دەم ئېلىشقا چىققان كادىرلارنىڭ داۋالىنىش-دورا خىراجىتىگە بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى كىشى بېشىغا يىلىغا 17 مىڭ 700يۈەن توغرا كېلىدۇ

2013.01.11 14:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورىنىڭ 1-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 10-چېسلا مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، مالىيە مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مەركەز كارخانىلىرىدىن دەم ئېلىشقا چىققان كادىرلارنىڭ داۋالىنىش-دورا خىراجىتىگە بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى توغرىسىدىكى2013-يىللىق خىزمەتنى ئوبدان ئىشلەشنى تەلەپ قىلغان.

  ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، مەركەز كارخانىلىرىدىن دەم ئېلىشقا چىققان كادىرلارنىڭ داۋالىنىش-دورا خىراجىتىگە بېرىلىدىغان ياردەم پۇلنى 2013-يىلى ئىلتىماس قىلىدىغان كارخانىلار بىرلا ۋاقىتتا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك: دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خام چوتىنى يولغا قويۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن مەركەز كارخانىلىرى شۇنىڭدەك ئۇلارغا قاراشلىق ئۆز مەبلىغىدىكى ۋە پاي كونترول كارخانىلىرى؛ مۇستەقىل كارخانا ئىگىسى سالاھىيىتىگە ئىگە ھەمدە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە شۇ جايدىكى دەم ئېلىشقا چىققان كادىرلارنىڭ داۋالىنىش-دورا خىراجىتىنى ئايرىم بىرتۇتاش غەملەشكە قاتناشقان ياكى دەم ئېلىشقا چىققان كادىرلارنىڭ داۋالىنىش-دورا خىراجىتىنى ئەمەلىي كۆرۈنگىنى بويىچە ئاتچوت قىلىدىغان كارخانىلار؛ 2010-يىلى، 2011-يىلى ئۇدا زىيان تارتقان كارخانىلار.شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان مەركەز كارخانىلىرىغا، مەركەز مالىيەسىدىن 2012-يىل 10-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى دەم ئېلىشقا چىققان كادىرلار سانىغا ئاساسەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان داۋالىنىش-دورا خىراجىتى ئۈچۈن يىلىغا 17 مىڭ 700 يۈەن ئۆلچەم بويىچە ياردەم بېرىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە