- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


چۇڭچىڭدا توپلىشىپ قاقتى-سوقتى قىلىش شايكىسى پاش قىلىندى
2013.01.25 15:20 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-يانۋار چۇڭچىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ ئالاقىدار تارماقلاردىن ئىگىلىشىچە، 2012-يىل 11-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇيان، چۇڭچىڭ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى لېي جېڭفۇنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈش داۋامىدا، قاقتى-سوقتى قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر جىنايەت شايكىسىغا ئالاقىدار يىپ ئۇچىنى بايقىغان. ج خ ئورگانلىرى رازۋىتكا قىلىش ئارقىلىق، 2008-يىلدىن 2009-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، شياۋ خۇا قاتارلىقلارنىڭ شەھۋانىي ۋاسىتە بىلەنئۆزىگە تارتىش، مەخپىي ھالدائەخلاقسىزسىن ئېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، نۇرغۇنلىغان پارتىيە-ھۆكۈمەت كادىرلىرىنى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى قاقتى-سوقتى قىلغانلىقىنى ئېنىقلىغان.
نۆۋەتتە، چۇڭچىڭ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى قاقتى-سوقتى قىلىشقا ئۇچراپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان ھەمدە تەكشۈرۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن قانۇن-ئىنتىزام بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشنى قارار قىلغان.تەپتىش ئورگىنى شياۋخۇا قاتارلىق جىنايەت گۇماندارلىرىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. (لۈ ۋېنۋېن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە