- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


«تەخسە قۇرۇقداش ھەرىكىتى» كۈچلۈك ئالقىش قوزغىدى
2013.01.25 15:30 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: تەخسىڭىزدىكى تاماقنى پاكىزە يىدىڭىزمۇ؟ يېقىندا جامائەتچىلىك تور ئارقىلىق قوزغىغان «تەخسە قۇرۇقداش ھەرىكىتى» كۈچلۈك ئالقىشقا ئېرىشىپ، تاماقنى پاكىزە يېگەندىن كېيىن قۇرۇق تەخسىنى كۆرسىتىش يېڭى ئېقىمغا ئايلاندى.
1-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى، بىر قىسىم تورداشلار مىكرو بلوگىدا ئاشلىق تىجەشنى چاقىرىق قىلدى. كەينىدىنلا شىنلاڭ تورىنىڭ مىكرو تېما سۆھبىتىدە «تەخسە قۇرۇقداش ھەرىكىتى» باشلاندى: ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى، تاماقنى پاكىزە يەپ بولۇپ تەخسىمىزنى كۆرسىتەيلى، ھەممىمىز بىرلىكتە ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇپ، تېجەشلىك بولايلى، ئەدەپ كېتىۋاتقان ئىسراپخورلۇققا ياق دەيلى!«تەخسە قۇرۇقداش ھەرىكىتى» باشلانغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر، مىكرو بلوگلاردا 50 مىليون قېتىمدىن ئارتۇق ئۇلاپ يوللاندى. پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى بېيجىڭدا نەق مەيداندا 60 مىڭ پارچە تەشۋىق ۋارىقى تارقاتتى، يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىغا 5000 پارچىدىن ئارتۇق ئېلان چاپلىدى. كۆكخوت قاتارلىق باشقا شەھەرلەرمۇ پائالىيەتكە قاتناشتى، پائالىيەت پىدائىيلىرى ئاشخانا، رېستۇرانلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ تەشۋىق ۋاراىقى ۋە ئېلان يەتكۈزۈپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىپ ئۇرغان تېلېفونلىرىنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىپ تۇردى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە