- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى %10 ئۆستۈرۈلدى، كارخانىلاردىن پىنسىيەگە چىققانلارنىڭ ھەر ئايلىق كۈتۈنۈش پۇلى 1800 يۈەندىن ئاشتى
2013.01.11 14:57 مەنبە: خەلق تورى
ئىگىلىشىمىزچە، بۇ يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى كارخانىلاردىن پىنسىيەگە چىققانلارنىڭ 2012-يىلدىكى ئايلىق ئوتتۇرىچە كۈتۈنۈش پۇلى بويىچە، %10 ئۆستۈرۈش بېكىتىلدى. بۇ قېتىم ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن، كارخانىلاردىن پىنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە كۈتۈنۈش پۇلى 1800 يۈەندىن ئاشىدۇ.
كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ يېتىشمەسلىك مەسىلىسى ھەمىشە كىشىنى مەيۈسلەندۈرىدۇ. دۆلەت كۈتۈنۈش پۇلىنى كۆپەيتسە، پۇل نەدىن كېلىدۇ؟ كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ يېتىشمىگەن قىسمىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ بارامدۇ-يوق؟ مۇشۇ بىر قاتار مەسىلىلەر كىشىنى تېخىمۇ مەيۈسلەندۈرىدۇ.
سىتاتېستىكىغا ئاساسلانغاندا، مەملىكەت بويىچە يېرىمىغا يېقىن ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى كىرىم چىقىمىغا چىقىش قىلمايدىكەن مەملىكەت بويىچە ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى شەخسىي ئىسچوتىدا چىقىم كىرىمدىن 2 تىرىليون يۈەن ئېشىپ كەتكەن ئىكەن، دېمەك ھەر بىر ئادەم ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى ئۈچۈن 1500 يۈەنلىك قەرزگە بوغۇلۇپ قاپتۇ. گەرچە ھېساباتتىكى چىقىم كىرىمدىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، بۇ ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى بېرەلمەسلىك دەرىجىسىگە بېرىپ قالغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ، لېكىن ئۇ يەنىلا ياشانغانلار كۈتۈش سىستېمىسىنى ياشانغانلار كۆپىيىش يۈزلىنىشى ئالدىدا ئىشەنچىسىزرەك ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە