چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 5-يانۋار تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدىن قارىغاندا، پيۇڭياڭ خەلقى كىم ئېرسىن مەيدانىدا ئاممىۋى چوڭ يىغىن ئۆتكۈزۈپ، كىم جۇڭئېن يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە ئوتتۇرىغا قويغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ۋەزىپىلەرنى تەلتۈكۈس ئىزچىللاشتۇرىمىز دەپ قەسەمياد قىلغان. چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئېن 1-يانۋاردىكى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە، ئىقتىساد ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى سوتسىيالىزم يولى بىلەن دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم تېما، دېگەن. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقى)