باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ گېئولوگىيە خادىملىرى كان ئىزدەش جەريانىدا غايەت زور مىقداردىكى «خەزىنە»نى بايقىغان

2013.01.08 14:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  100 مىليارد توننىدىن ئارتۇق كۆمۈر، ئون مىليارد توننىدىن ئارتۇق نېكىل، يۈز توننىدىن ئارتۇق ئالتۇن.... ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2012-يىلى، شىنجاڭ گېئولوگلىرى كان ئىزدەش جەريانىدا غايەت زور مىقداردىكى «ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىق»قا كۆمۈلۈپ ياتقان «خەزىنە»نى بايقىغان بولۇپ، بۇ بايقاش دۆلىتىمىزنىڭ ئېنىرگىيە ئىستىراتىگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى يېتەرلىك بايلىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  مۇخبىرنىڭ 7-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ گېئولوگىيە ئىدارىسىنىڭ خىزمەت يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2012-يىلى شىنجاڭ گېئولوگلىرىنىڭ كان ئىزدەش نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرشىكەن بولۇپ كۆمۈر، تۆمۈر، نېكىل، ئالتۇن، قوغۇشۇن، سىنىك، ۋولفرام شۇنداقلا نېفىتلىكنى تەمىنلەيدىغان سۇ بايلىقى مەنبەسى قاتارلىق تەرەپلەردە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. يېڭىدىن بايقالغان قېزىلما بايلىق ئورنى 15كە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئوتتۇرا – چوڭ تىپتىكى قىزىلما بايلىق ئورنىدىن يەتتىسى بار ئىكەن.

  شىنجاڭ گېئولوگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى زېڭ شياۋگاڭ مۇنداق دېدى: « ھازىر بىز تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان كۆمۈر بايلىق مىقدارى شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىدىكى يۈز يىللىق تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ؛ قىدرىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقالغان تۆمۈر كەلگۈسى 50 يىللىق تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ؛ رەڭلىك مېتاللار شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى 30 يىللىق تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە