باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەمۇرلۇققا قوبۇل قىلىش يېزىقچە ئىمتىھانىنىڭ نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى

2013.01.08 10:22         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە ، مەركەز ئورگانلىرى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار 2012-يىللىق ئىمتىھان ئارقىلىق قوبۇل قىلىنىدىغان مەمۇرلارنىڭ ئومۇمىي پەنلەر يېزىقچە ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسىنى 7-يانۋار ئېلان قىلغان . ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتى ، دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتى ياكى مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا قوبۇل قىلىش مەخسۇس تور بېكىتىگە كىرىپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەكشۈرسە بولىدىكەن .

  ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە ، 2013-يىللىق ‹‹ دۆلەتلىك مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ›› دا شىنجاڭ دائىرىسىدىكى 19 ئورۇندىكى 439 ئىش ئورنىغا 782 ئادەم قوبۇل قىلىش پىلانلانغان بولۇپ ، 2012-يىلىدىكىدىن 197 كىشى ئاشقان . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت باج ئىدارىسى 280 ئادەم قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ ، قوبۇل قىلىنىدىغان ئادەم سانى نىسبەتەن كۆپ، ئۈرۈمچى تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى 240 ئادەم قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان . بۇ يىللىق ئىمتىھاندا تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇش تەلەپ قىلىنغان ئىش ئورۇنلىرى 374 ئورۇننى ئىگىلىگەن ، ئىككى يىل ھەمدە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئاساسىي قاتلام خىزمەت تەجرىبىسى بولۇش تەلەپ قىلىنىدىغان ئىش ئورنى 98 ئورۇننى ئىگىلىگەن بولۇپ ، بۇ قېتىملىق مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدىكى بىر يارقىن نۇقتا بولۇپ قالغان .

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل لاياقەتلىق نومۇر سىزىقى بېكىتىلگەندە ، مەركەز ، ئۆلكە (ئاپتونوم رايون ، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر) ، شەھەر (ۋىلايەت) ۋە ناھىيە (رايون) لاردىكى ئىش ئورۇنلىغا قارىتا قاتلاملارغا ئايرىش ئۇسۇلىنى قوللانغان ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا غەربىي رايونلار ، جاپالىق ، چەت رايونلار ، ئاساسىي قاتلاملاردىكى ئىش ئورۇنلىرى ۋە كەسىپچانلىقى نىسبەتەن كۈچلۈك بولغان ئىش ئورۇنلىرىغا سىياسەت جەھەتتىن ئېتىبار بېرىلىپ ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئاساسىي قاتلاملاردا ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىلھام بېرىلىدىكەن . غەربىي رايونلار ۋە جاپالىق رايونلار (مەسىلەن ، شىزاڭ ، چىڭخەي ، شىنجاڭ قاتارلىق 15 ئۆلكە ، ئاپتونوم رايون ، شەھەرلەر) ، شەھەر (ۋىلايەت) دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تۈرلىرى ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈرلىرىنىڭ ئىش ئورۇنلىرى لاياقەتلىك نومۇر سىزىقى ئومۇمىي نومۇر چېكى 80 دىن تۆۋەن بولمايدىكەن .

  مەركەزنىڭ مەمۇرلارنى باشقۇرۇش تارماقلىرى ھەرقايسى ئىش ئورۇنلىرى بەلگىلىگەن يۈز تۇرانە ئىمتىھان نىسبىتىگە ئاساسەن، يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسىنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە تىزىپ ، ھەرقايسى ئىش ئورۇنلىرىدا يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ تىزىملىكىنى بېكىتىدىكەن ھەمدە جەمئىيەتكە بىر تۇتاش ئاشكارا ئېلان قىلىدىكەن، مەركەزلەشتۈرۈپ ئىمتىھان ئېلىش خىزمىتى بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا تاماملىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە