باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندىستان ئاياللىرى گۇمپا ۋە قورال ئارقىلىق ئۆزىنى قوغدىماقچى

2013.01.08 11:02        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۇرغۇنلىغان ھىندىستان ئاياللىرى ھەرخىل كۇرۇسلارغا تىزىملىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ گۇمپا ئۆگىنىپ ئۆزلىرىنى قوغداش ئىستىكىنى ئىپادىلەشكە باشلىدى. ئۇندىن باشقا «لازا سۈيى چېچىش ئۈسكىنىسى» قاتارلىق قوغدىنىش «قۇراللار» ىنىڭ سېتىلىش مىقدارىمۇ كۈنسىرى ئاشماقتا.

  «گۇمپا ئۆگىنىش»

  ئۆزىنى قوغداش گۇمپىسى ئۇستىسى ئانىيۇجيې شارما (A Nujie Sharma) يېڭى دىھلىنىڭ جەنۇبىدا ئۆزىنى قوغداش كۇرسى ئاچقان بولۇپ، كىشىلەرگە ئۆزىنى قانداق قوغداشنى ۋە قوغدىنىش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ئالدىنقى يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى باسقۇنچىلىق قىلىش دىلوسى يۈز بەرگەندىن كىيىن ھەركۈنى نۇرغۇنلىغان كىشىلەر تېلېفۇن قىلىپ كۇرۇس مەزمۇنلىرىنى سۈرۈشتە قىلىۋاتىدۇ. «كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى قوغداش ۋە قوغدىنىش كۇرۇسلىرىغا بولغان ئىھتىياجى كۈنسېرى ئېشىۋاتىدۇ، مېنىڭچە ئالدىنقى يىلى يۈز بەرگەن سېسىق نامى پۈتۈن دۇنياغ پۇر كەتكەن بۇزۇقلارنىڭ دىلوسى يۈز بەرگەندىن كىيىن كىشىلەر شەخسى بىخەتەرلىكنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ ياخشى ئويلاشمىسا بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى قوغداش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىشنى ناھايىتى جىددى ۋە مۇھىم ئىش دەپ قارىغان.»

  23 ياشلىق قىز ئوقۇغۇچى سىمۇرۇيتى يالى (Simuruiti · Yale) گۇمپا ئۇستىسى ئانىيۇجيې شارماغا ئەگىشىپ ئۆزىنى قوغداشنى ئۆگىنىۋاتىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ خىل كۇرۇسقا تىزىملىتىپ گۇمپا مەشىق قىلىشىم ئۆزۈمنى قوغداش ئۈچۈن ھەم شۇنداقلا ئەتراپىمدىكى قىزلار ئۈچۈن بىر ئۆگىنىش ئۈلگىسى تىكلەپ بېرىش.

  «قۇرال ئىشلىتىش»

  يېڭى دېھلىدا دۇكان ئاچىدىغان سودىگەر جەي شانكار (Jai Shankar) نىڭ مۇخپىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئالدىنقى يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى باسقۇنچىلىق قىلىش دېلوسى يۈز بەرگەندىن كىيىن دۇكاندىكى لازا سۈيى پۈركۈش ئۈسكىنىسىنىڭ سېتىلىش مىقدارى كۆرىنەرلىك ئاشقان، بەزىدە تېخى مەھسۇلات ئىھتىياجنى قامدىيالمايدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلگەن، «بۇرۇن مەن ھەر ئايدا پەقەت بىر قانچە تال لازا سۈيى پۈركۈش ئۈسكىنىسى سېتىپ چىقىرالايتتىم، ھازىر بولسا كۈنىگە دېگۈدەك نۇرغۇنلىغان قىز-ئاياللار لازا سۈيى پۈركۈش ئۈسكىنىسى سېتىۋېلىۋاتىدۇ.»

  دۇكاندىكى سېتىش ئىشلىرىغا ياردەم بەرگۈچى 22ياشلىق قىز خىزمەتچى ئاشىما ساگار (Ashima · Sagar) مۇنداق دېدى: مەن ئادەتتە ھەركۈنى كەچ سائەت توققۇزدا ئىشتىن چۈشىمەن، ئۆيگە قايتىش جەريانىدا دائىم دېگۈدەك بىر قەدەر بىخەتەر بولغان مىترونىڭ مەخسۇس قىز-ئاياللار ۋاگونىغا چىقىمەن، بىراق شۇنداق بولسىمۇ ئاتا-ئانام يەنىلا مەندىن خاتىرجەم بولالمايدۇ.

  «مەن 10 مىنۇت ۋاقتىدا كىلەلمەي قالساممۇ ئانام ناھايىتى ئەنسىرەپ تېلېفۇن قىلىپ مېنىڭ ئەھۋالىمنى سۈرۈشتۈرىدۇ»

  «ئايال ساقچى ئورۇنلاشتۇرۇش»

  ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئىككى نەپەر پىنسىيەگە چىققان قانۇن ئەمەلدارىدىن تۈزۈلگەن كومىتېت تەشكىللىدى ۋە بۇ ئارقىلىق باسقۇنچىلىق دېلولىرىغا ئائىت قانۇنلارنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن لايىھە تۈزۈپ چىقماقچى بولدى.

  ئىچكى كابىنېت مىنىستىرى سۇشىل كۇمار ھىند (Sushil Kumar Hind) مۇشۇ ئاينىڭ 3-كۈنى ھەرقايسى مىنىستىرلارنى ۋە ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ئەمەلدارلارنى يىغىپ ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى قانداق قىلىپ ئازايتىش ۋە ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتى. مىنىستىر سۇشىل كۇمار ھىند ئەپەندى يىغىندىن كىيىن مۇخبىرغا ئاشكارىلاپ ئۆزىنىڭ يېڭى دېھلىدىكى 166 ئورۇندىكى ساقچىخانىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئايال ساقچى ئورۇنلاشتۇرىشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مىنىستىر سۇشىل كۇمار ھىند يەنە مۇنۇلارنى ئۇقتۇردى: ئۇ يېڭى دېھلىدىكى بارلىق ساقچىخانىلاردىن چوقۇم ئىككى نەپەر ئايال مۇئاۋىن نازارەتچى ۋە يەتتە نەپەر ئايال ساقچى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

  ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر يېڭى دىھلىدىكى خېلى كۆپ قىسىم ساقچىخانىلاردا ئايال ساقچى يوق ئىكەن.

  ئۇندىن باشقا يېڭى دېھلى ھۆكۈمىتى كېچىلىك چارلاش قېتىم سانىنى ۋە ۋاقتىنى ئۇزارتىش، مەخسۇس ئاياللارغا زوراۋانلىق قىلىش دېلولىرىنى پاش قىلىش قىزىق لىنىيەلىك تېلېفۇن ئورنىتىش قاتارلىق ئۇسۇل-تەدبىرلەرنى قوللىنىپ قىز-ئاياللارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىماقچى بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە